تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

6 - ئايدىكى خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئاقچىغ كەنتى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى: تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، رەت - رەت چىرايلىق كۆكەرتىش بەلباغلىرى، قاتار - قاتار رەتلىك ئولتۇراق ئۆيلەر... بۈگۈنكى ئاقچىغ كەنتى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

كەنت ئاھالىسى ئابلىز ئوبۇلھەسەننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يېڭىدىن سېلىنغان بىر قەۋەتلىك ئۆي قۇياش نۇرىدا ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق كۆرۈنەتتى، ھويلا - ئاران رەتلىك، كۆركەم ئىدى.

«ئابلىز ھازىر كەنتىمىزدىكى داڭلىق شەخس، ئۇنىڭ پەمى بار، جاپاغا چىدايدۇ، بىز ئازراقلا ياردەم قىلساق ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى» دېدى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى ئاقچىغ كەنتىگە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن 1 - شۇجى ۋاڭ خۇي.

2018 - يىلى، ئابلىز تېخى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، گەرچە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى بىلسىمۇ، لېكىن مەبلەغ بولمىغاچقا ئىشنى باشلىيالماي بېشى قاتقانىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇنى بىلىپ، بىكار تۇرغان توخۇ فېرمىسىنى قايتىدىن رېمونت قىلىپ رەتلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز بەردى. ئابلىز پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ھەسسىلەپ تىرىشىشقا باشلىدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆگەندى، شۇ يىلى توخۇ بېقىپ قىلغان ساپ كىرىمى 185 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى.

2019 - يىلى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى توخۇ فېرمىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەر يىللىقىنى 30 مىڭ يۈەن باھادا ئابلىزغا ھۆددىگە بەردى، بۇنىڭ بىلەن كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى ئاشتى، يەنە باشقا نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئابلىزغا ياردەم قىلىپ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، كۆلىمى 25 مو كېلىدىغان، ئىككى توخۇخانىسى بار بولغان ئورماندا قارا توخۇ خاس باقمىچىلىق فېرمىسى قۇرۇپ، ئالتە نامرات ئاھالىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا خوتەن شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئاشخانا ۋە تىجارەتچى ئابلىز بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مال بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ بىر يىلدا ئابلىز توخۇ فېرمىسىدىن 240 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى، ئۇمۇ كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

گۆش كالىسى باقمىچىلىقى، تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىقى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش... كەنتتە ئابلىزغا ئوخشاش مۇشۇنداق بېيىش باشلامچىلىرى بارلىققا كەلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن» دەيدىغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋاقتىدا تۈزۈم ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى.

2019 - يىلى، ئاقچىغ كەنتىنىڭ كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 126 مىڭ 500 يۈەنگە، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9884 يۈەنگە يەتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇسەمەت مەتتۇرسۇن چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنت قىياپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، نامرات كەنت دېگەن قالپاق ئېلىۋېتىلدى، بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى