تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامرات ئاھالىلەرنىڭ «تاماق قاچىسى»نى چىڭ، پۇختا تۇتۇشقا ئىشەنچى تولۇق

قاراقاش ناھىيەسىدە:

نامرات ئاھالىلەرنىڭ «تاماق قاچىسى»نى چىڭ، پۇختا تۇتۇشقا ئىشەنچى تولۇق

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ

قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى قۇمبويى كەنتىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىلىرى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر تاختىسى يۈزىدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلىماقتا (4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

[ئىستون سۆزى]

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە مۇتلەق نامراتلىققا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش تاماملىنىدىغان يىل، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى «نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىننىڭ قىيىنى»، يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان، يېڭىش ئەڭ زۆرۈر بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى. ئومۇمىي ھۇجۇم داۋاملاشماقتا» ئىستونى ئېچىلدى، ئون نامرات ناھىيەنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغانغا ھۇجۇم قىلىش جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىشەنچ قوشۇپ، كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

«ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق، بار - يوقىمنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ بولسىمۇ، بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمەن» بۇ، قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى چىپقان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىنىسا ئۆمەرنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى تۇغقانلىرىدىن پۇل قەرز ئالغان چاغدىكى ۋەدىسى. نامراتلىق بىلەن خوشلىشىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئاشۇ كۈنى روزىنىسا بىر كېچە كۆز يۇمماي، قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا ئويلاندى.

ئۇ چاغدا بازاردىكى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچە رايونى ئىشچى قوبۇل قىلىۋاتاتتى، روزىنىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ياشاش ئۇسۇلىدا ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر ئۇ پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى. «ئىش ئېغىر ئەمەس، ئۆيۈمگىمۇ يېقىن، بىر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايمەن، بۇ ئىلگىرىكى ئاز كەم يېرىم يىللىق كىرىمىمگە تەڭ كېلىدۇ» دېدى روزىنىسا.

قاراقاش ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر. كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %35.22تىن 2019 - يىلىدىكى %7.1كە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا 36 مىڭ 419 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كەسكىن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر قاراقاش ناھىيەسى كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، نامرات ئاممىغا «تاماق قاچىسى»نى چىڭ، پۇختا تۇتۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، ئۇلارنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى، تۇرمۇشىغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى.

كەسىپ ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش:

ھەربىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچقۇرۇن، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى قۇمئېرىق كەنتىدە قۇياش پېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسسىقنىڭ تەپتى تېخى يانمىغانىدى، نامرات ئاھالە ئارزۇگۈل نۇرمەمەتنىڭ پۈتۈن خىيالى ئائىلىسىدىكى شياڭگۇ ئۆستۈرىدىغان پارنىكتا ئىدى. «ھاۋانىڭ ئىسسىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، شياڭگۇنى ۋاقتىدا يىغىۋالمىساق، شياڭگۇنىڭ ئۈستىدە يېرىقچىلار پەيدا بولىدۇ، كۆركەم كۆرۈنمىسە، سېتىلىش باھاسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ» دېدى ئارزۇگۈل باشقىلارنى شياڭگۇ يىغىشقا ئالدىراش چاقىرىپ.

«شياڭگۇنى بەك چوڭ ئۆستۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ، 1 - دەرىجىلىك شياڭگۇنى سېتىۋېلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ياخشى باھادا ساتقىلى بولمايدۇ.» ھازىر ناھىيەدىكى كارخانىلار شياڭگۇنى بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ، بىر پارنىكنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، ئارزۇگۈل كۆڭلىدە ھېسابلاپ چىقىپ، ئۈزۈش سۈرئىتىنى ئىختىيارسىز تېزلەتتى.

«ئەگەر شياڭگۇ ئۆستۈرمىگەن بولسام، نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلۇشنى راستلا بىلمەيتتىم» دېدى ئارزۇگۈل يۈزىدىكى تەرنى سۈرتكەچ كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇلتۇر قاراقاش ناھىيەسى كەسىپلەر تەرەققىياتىنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، قاراقاش شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغ كەسپى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، تۇتاش پارنىك تېرىقچىلىق بازىسى بەرپا قىلدى، بۇ يىل يەنە كىچىك ئەگمە پارنىك ياسىدى، شۇ جايدىكى نامرات ئامما بۇ كەسىپ بىلەن ئۇچرىشىپ، تۇنجى قېتىم يەر تېرىشتىن باشقا كىرىمگە ئىگە بولدى.

شياڭگۇ ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى ئۆلچەملەشكەن زەمبۇرۇغ خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇراتتى. دېھقانلار ياڭاقنىڭ چاتالغان شاخ - شۇمبىلىرىنى زەمبۇرۇغ خالتىسى ماتېرىيالى ياساشقا ئەكېلىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كىرىپ ئىشلىسە بولىدۇ، يەنە زەمبۇرۇغ خالتىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۆز ئائىلىسىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكتا شياڭگۇ ئۆستۈرسىمۇ بولىدۇ. پۈتۈن ناھىيە بويىچە 2000 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا شياڭگۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

«قاراقاش ناھىيەسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ.» قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گۈەنجۈن مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بېكىتكەن ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى 52 نامرات ناھىيەنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراقاش ناھىيەسى كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ، باشلامچى كارخانىلار، كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەپ، شارائىتى ھازىرلانغان ھەربىر نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۆز جايىدا ئىش ئورنى يارىتىش:

دېھقانلار كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى

قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرىدىكى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ تىككۈچىلىك سېخىدا، گۇرۇپپا باشلىقى رابىيخان روزىباقىنىڭ كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا بىرمۇنچە ئادەم ئولىشىۋالغانىدى، ئىشلەپ ئىككى يىل بولمايلا، ئۇنىڭ ھۈنىرى ھەممىدىن ياخشى بولۇپ كەتكەنىدى، سېخقا يېڭى كەلگەن خادىملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى.

رابىيخان كۇيا بازىرى يىلۋا كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، كەسىپ ئىشچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى نامراتلىق ئۇنى نۇرغۇن جاپادا قويغانىدى. 2018 - يىلى، يازدىكى بىر قېتىملىق كەلكۈن زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ئېتىزدا پىشاي دەپ قالغان بۇغدايلار ھېچقانچە قالمىدى، رابىيخان يىغلاي دەپمۇ يىغلىيالمىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر رايونىدىن خىزمەت تېپىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئەندىشىگە تولغانىدى.

«مەن ئىشچى بولۇپ باقمىغان، تېخنىكاممۇ يوق، ناۋادا سىناپ باقمىسام، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى ۋە ئۈمىدىدىن ۋاز كەچكەنگە باراۋەر بولىدۇ.» رابىيخان كۆڭلىدە: چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن، دېگەن ئىرادىگە كەلدى.

رابىيخان ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، تېخنىكىنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېزلا بىر ئائىلە ئايالىدىن تېخنىكا تايانچىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىغىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

بۇ يىل قاراقاش ناھىيەسى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى، كەسىپلەر بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، 62 ئاياغ تىكىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىنى كىرگۈزۈپ، «باغچە رايونى+تەۋەلىك رايون زاۋۇتى+نامراتلارنى يۆلەش سېخى+نامرات ئاھالە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا 20 مىڭ ئىش ئورنى ياراتتى. ئۆزىنىڭ «بىر مو ئۈچ پۇڭ يېرى»نى ياخشى تېرىغاندىن باشقا، تېخىمۇ كۆپ «روزىنىسا»لار كارخانا خادىمىغا ئايلاندى، مۇقىم كىرىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مۇقىم، خاتىرجەم قىلدى.

كۆپ مەنبە ئارقىلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش:

كەنت دەرىجىلىك كەسىپ يېڭى يول ئاچتى

«ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىدا كۆلەملىك كارخانا بولۇش»تىن باشقا، قاراقاش ناھىيەسى يەنە «كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، ئائىلىدە كىچىك ھۈنەرخانا بولۇش» تەرەققىيات سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ئوبۇلقاسىم ھېيت قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ، ئىلگىرى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، بۇلتۇر كەسىپ ئۆزگەرتىپ چاشقان چاپلاش تاختىسى سودىسى قىلدى. ئەمما دەسلەپتە ئۇنىڭ چاشقان چاپلاش تاختىسىنىڭ سودىسى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، ئىچكى قىسىمدا سېتىشتا ياخشىلىنىش بولمىدى، سىرتقا سېتىشتا يول تاپالمىدى. كەنت كادىرلىرى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى «كىچىك توپ سېتىش»نى «چوڭ زاۋۇت»قا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، ئۈسكۈنە زاكاز قىلىپ، مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئەندىڭ چاشقان چاپلاش يېلىمى ياساش زاۋۇتى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

«زاۋۇتتىكى ئىشچىلارغا ئايدا ئاز دېگەندە 1500 يۈەن مائاش بېرىمىز. بەزىدە كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىمۇ ياردەمگە چاقىرىپ، بىر كۈندە 80 يۈەن بېرىمىز.» ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: زاۋۇتنىڭ سېلىنمىسى ئاز، مەھسۇلات مىقدارى كۆپ، زاكازلىق سېتىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يوللىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يەنە كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدۇق.

يەردىن ئايرىلىشى زۆرۈر بولغان دېھقانلار، ئايرىلمىسىمۇ بولىدىغان دېھقانلارمۇ بار. بۇلتۇر، شىنجاڭ شىنشېڭ خۇڭماۋ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يەر ئوبوروت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ يەرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى ھەقلىق ئىجارىگە ئېلىپ، دېھقانلارنى يەنە كارخانا خادىملىقىغا قايتا تەكلىپ قىلدى.

يەر يەنىلا شۇ يەر، ئەمما كەنتتە ئۆزگىرىش بولدى، كىرىم مەنبەسى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتى. بۇ يىل، پۇرچاقچى يېزىسى دۆڭئاچما كەنتىنىڭ 4000 مودىن ئارتۇق ئوبوروت يېرىدە، 100 پارنىك قەد كۆتۈرۈپ، ياڭيۇ، خۇڭشۇ، لازا قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى يەر ئىجارە ھەققى ۋە ئىشلەمچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. «كۆكتات تېرىشنىڭ ئۈچ ئايدىن تۆت ئايغىچە ئادەم ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسى بار، ھەر ئايدا 3000 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ.» ئاياغ بۇغقۇچىنى چىڭىتىۋالغاندىن كېيىن، نامرات ئاھالە روشەنگۈل ئالىم لازا ئېتىزىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتى، ئۇ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ماڭماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ