تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دۇەنۋۇ بايرىمىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ساغلاملىق ساۋاتلىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈەي سەي): ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، تاڭزۇڭزا تۈگۈش، ئەمەن سانجىش...دۇەنۋۇ بايرىمىدا نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇەنۋۇ بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، شۇنداقلا كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغان بايرام.

  ئوزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسسىسى، خۇنەن ئۆلكىلىك كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى تاڭ شىلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇەنۋۇ بايرىمىدا كىشىلەرنىڭ تاڭزۇڭزا تۈگۈش، تاڭزۇڭزا يېيىش ئادىتى بار. تاڭزۇڭزا ئاساسلىقى نومى گۈرۈچى (يېپىشقاق گۈرۈچ) دىن ياسىلىدۇ، نومى گۈرۈچىنىڭ داۋالاش رولى بار، تاڭزۇڭزا يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەپ نەملىكنى ئاشۇرۇش، ئىچى تىتىلداشنى يوقىتىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش رولى بار.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى كىشىلەر تاڭزۇڭزىنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، تاتلىق تۈرۈم ئورنىدا ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. تاڭ شىلياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپچىلىك تاڭزۇڭزا يېگەندە قارا ئاشلىق، كۆكتاتنى قوشۇپ يەپ بەرسە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ھەمدە دىئابېت ئاغرىقلىرى تاڭزۇڭزىنى ئاز يېيىشى كېرەك.

  ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتكە ئاساسلانغاندا، بەزى كىشىلەر دۇەنۋۇ بايرىمىدا زەرنىخ ھارىقى (雄黄酒) ئىچىدىغان بولۇپ، بۇ سالامەتلىككە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن. تاڭ شىلياڭ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: زەرنىخ جۇڭيى دورىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەركىبىدە زەھەرلىك ئارسېن تۇزى بار، شۇڭا زەرنىخ ھارىقى ئىچكەندە زەھەرلىنىپ قېلىش خەۋپى مەۋجۇت. زەرنىخنى ئادەتتە ئىچىشكە بولمايدۇ، پەقەت سىرتتىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەسىلەن پاشا چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈرگەندە، مىكروب ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيەلەش رولىنى ئوينايدۇ.

  ئەل ئارىسىدا ئەمەن بىلەن ئېگىر يېپىشقاق قۇرت، كېسەللىك باكتېرىيەسىنى يوقىتىپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن، بەزى كىشىلەر دۇەنۋۇ بايرىمىدا ئەمەننى قاينىتىپ يۇيۇنىدۇ ياكى ئۆينى ئىسلايدۇ. تاڭ شىلياڭ مۇنداق دەيدۇ: زىيادە سىزىمچان بۇرۇن ياللۇغى، زىققا قاتارلىق نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرى ئۆيىنى ئەمەن بىلەن ئىسلاشقا ماس كەلمەيدۇ، بولمىسا كېسىلى ئېغىرلاپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ