تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 220 مىڭدىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 2019-2020-يىللىق ئوقۇش يىلى 2-ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن، 2020-2021-يىللىق ئوقۇش يىلىنىڭ 1-ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاشقا تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بولۇپ، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي ئوقۇش باشلىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاتا-ئانىلارغا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەردى: يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلار ۋەسىيلىك بۇرچىنى كۈچەيتىپ، بالىلارغا ئۆز مەيلىچە ساۋاقداشلىرىغا ھەمراھ بولۇپ سۇ ئۈزمەسلىك، بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بولمىغان سۇ رايونىغا بېرىپ ئوينىماسلىق ياكى سۇ ئۈزمەسلىك، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قاتتىق تەربىيە قىلىشى كېرەك. بالىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى، گۈلدۈرماما ۋە چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش»كە ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇق مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. كۆز ئاسراش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە كۆز ئاسراش تاپشۇرۇقلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا تەتىللىك دەم ئېلىش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سىرتتا پائالىيەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇشى، ھەر كۈنى كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ھەر ئىشلىتىش ۋاقتى 10~15 مىنۇتقا توشقاندا 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ئارام ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.