6-ئاينىڭ 21-كۈنى، تيەنجىن پورتى يەرشارى ئوراش قاچىلاش پىرىستانىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئاپتوموبىللار.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى نەچچە مىڭ پاراللېل ئىمپورت ئاپتوموبىل بېسىلغان ئوراش قاچىلاش پاراخوتى تيەنجىن پورتى يەرشارى ئوراش قاچىلاش پىرىستانىدا ئوڭۇشلۇق توختىدى، 2600 دىن ئارتۇق تويوتا، نىسسان قاتارلىق ماركىلاردىكى پاراللېل ئىمپورت ئاپتوبىل چۈشۈرۈلدى. بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا، تيەنجىن پورت گۇرۇھى مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارىدىن 168 مىليون توننا، يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارىدىن 6 مىليون 895 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق تاماملاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ۋە % 1.6 ئاشقان.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، شوپۇر تيەنجىن پورتى يەرشارى ئوراش قاچىلاش پىرىستانىدا ئاپتوموبىللارنى قوبۇل قىلىپ چۈشۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئىشىكىنى ئەتمەكتە.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، شوپۇر تيەنجىن پورتى يەرشارى ئوراش-قاچىلاش پىرىستانىدا ئاپتوموبىلنى چۈشۈرمەكتە.
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، شوپۇر تيەنجىن پورتى يەرشارى ئوراش قاچىلاش پىرىستانىدا ئاپتوموبىلنى چۈشۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى رەن فوتوسى