تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئامېرىكا تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا پەرۋا قىلماي، جاھىللىق بىلەن ئاتالمىش «2020 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوڭقۇر غەزەپلىنىدۇ، كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز، مۇقەررەر ھەققانىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىۋېتىلىدۇ.

ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ۋاراقلىساق، باشتىن - ئاخىر بۇرمىلانغان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە سىياسىي بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا، بەتبەشىرە زومىگەرلىك لوگىكىسىنى ھەمدە ھەممە جايدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئارىلىشىدىغان، جاھاننىڭ مالىمان بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاتالمىش «دۇنيا ساقچىسى»لىق رەزىل قىلمىشىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا شىنجاڭ خەلقى سۆزلەشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنتايىن غالجىرلىشىپ، نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى(ۋەقەسى) پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ پەيدا قىلىپ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. بۇنداق ۋاقىتتا ئامېرىكا تەرەپ ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلمىدى، ھالبۇكى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغاندا ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلسە - كەلمەس بىلجىرلىدى، بۇنىڭدىن رەزىل غەرىزىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇچىغا چىققان ساختىپەز ۋە تاش يۈرەك دېيىشكە بولىدۇ!

شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل - رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - ئىناق بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، مۇقىم شىنجاڭغا قارىتا، ئامېرىكا تەرەپ ئالدىراپ - تېنەپ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇش بولۇپ، بۇنى «رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان» دېيىشكە بولىدۇ.

ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىزمنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۈگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۈرلۈك تىرىشچانلىقىغا ھەسسىلەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، بۈگۈنكى بەخت، خاتىرجەملىكنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن گۈزەل شىنجاڭغا قارا چاپلىشىغا، تۆھمەت قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ.

ئامېرىكا تەرەپ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشى ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئوي - خىيالىنى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ، جاھىللىق بىلەن ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ يەل بەردى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەسلا كۆڭۈل بۆلمەي، بەلكى كۆڭلىدە يامانلىق ساقلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغان بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى قانداق؟ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خۇددى ئەينەككە ئوخشاش، ئامېرىكىدا ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جەمئىيەت پارچىلىنىش، باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈش، ئىرقىي كەمسىتىش، ئاجىزلار توپىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەردى، بۇ، «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كىرىزىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ «رەھىمسىز كاپىتالىزم» ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ تولۇق ئاشكارىلىدى. بۇ يەردە ئامېرىكا تەرەپنى يەنىلا ئاتالمىش «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش» ئىستىكىنى يىغىپ، ئۆزىنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە نەسىھەت قىلىمىز.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش - ئىلگىرىلەش پاكىتىنى يوققا چىقىرالمايدۇ، ھەرقانداق سۇيىقەست شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە ئارىلىشالمايدۇ − بۇ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسى، بۇ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلب ساداسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ يۈرەك ساداسى!

بىز ئامېرىكا تەرەپكە شۇنى قايتا رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرىمىزكى، شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق ھەرىكەت مۇقەررەر ھالدا ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسۇماقچى بولغىنىغا ئوخشاش، جەزمەن تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ