تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ پېيىنى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدە بازارغا سېلىشىغا تېز تۈرتكە بولدى

ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتى

شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ پېيىنى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدە بازارغا سېلىشىغا تېز تۈرتكە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى ئىسلاھاتى «شەرق شامىلى»نىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ پېيىنى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدە بازارغا سېلىشىغا پائال تۈرتكە بولغان. ھازىر، شىنجاڭ IPO (پاي چېكى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقىتىلغان ھەم بازارغا سېلىنغان) يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كارخانا 22، بۇنىڭ ئىچىدە ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىگە ئىلتىماس قىلىش مۇددىئاسى بولغان كارخانىدىن بەشى بار؛ شىنجاڭ IPO تەكشۈرۈۋاتقان ئىككى كارخانىنىڭ بىرى ئاساسىي بۆلەك كارخانىسى، بىرى ئوتتۇرا، كىچىك بۆلەك كارخانىسى.

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى «ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدە پاي چېكىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا تارقىتىشنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلدى؛ 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدىكى تەكشۈرۈلۈۋاتقان كارخانىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا پاي چېكى تارقىتىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

كاپىتال بازىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى سىياسەت تەشۋىقاتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىن ئارقىلىق تەربىيەلەش، توردا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى ئاكسىيە قانۇنى، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىقلار بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى ئېلىپ باردى؛ كۆپ خىل يول ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى پېيى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسى، كەسىپ ئالاھىدىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئىلمىي قاتلامغا ئايرىش، تۈرگە ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنى يېتەكلەش بايلىق ئامبىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلىدى؛ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئۇدۇللىشىپ، تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق زاپاس كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ پېيى بازارغا سېلىنغان نۇقتىلىق شىركەتلەرنى ئاكسىيە بېرژىسىغا بېرىپ بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، كارخانىلارنىڭ پېيىنى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكىدە بازارغا سېلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن ئىمكانقەدەر تېز بەھرىمەن بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسى پەقەت ئەسلىدىكى جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىدە تۇنجى قېتىم پاي چېكى قاتارلىقلارنى ئاشكارا تارقاتقان تەكشۈرۈلۈۋاتقان كارخانا تاپشۇرغان مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىدىكەن؛ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلار تاپشۇرغان مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدىكەن. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۇنجى تارقىتىلغان، قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈلۈۋاتقان تۈرلەر ۋە يېڭى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر ئاي ئۇزارتىلىپ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى IPOغا ئىلتىماس قىلىش ئويى بار شىركەتلەر، مۇناسىۋەتلىك ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار پايچىك چاقىرىش چۈشەندۈرۈشنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى يېڭى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى شىركەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ما جەنۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ