تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جيا خۇڭمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تاغارچى بازىرى قونامبۇخ كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئامانگۈل بارات تېرىقچى بىلەن بىرلىكتە سامساقنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى مۆلچەرلىمەكتە.
تاغارچى بازىرى ھەرقايسى كەنتلەرنى خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، شەندۇڭ، خېبېيدىن قىزىل پوستلۇق سامساق كىرگۈزگەنىدى. بۇلتۇر 10-ئايدا، بۇ بازاردىكى 119 كەنت ئاھالىسى 120 مو يەرگە قىزىل پوستلۇق سامساق تېرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە سامساقلار يىغىش مەزگىلىگە كىردى، مەھسۇلات مىقدارى 80 توننىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەر، ئۈرۈمچى ۋە خېنەن، سىچۇەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، سامساقتىن 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش مۆلچەرلەنمەكتە.