خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شو): دۇنيا سىنوك سەييارە مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگولۇق ماھىر دىڭ جۈنخۇينىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلىنىدىغان 2020-يىللىق سىنوك سەييارە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى، شوتلاندىيەلىك ماھىر سىتىفېن ماركۇئېرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى.
پەقەت يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئالدىنقى سەككىز ئورۇنغا كىرگەن ماھىرلارلا سەييارە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. دىڭ جۈنخۇي بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بەشىنچى بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. لېكىن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، دىڭ جۈنخۇي ئۇزۇن مۇددەت سىرتلاردا يۈرۈشتىن ساقلىنىشنى قارار قىلدى، ھازىرقى باسقۇچتا دۆلەت ئىچىدە قېلىشنى تاللىدى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئالتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان جۇڭگولۇق ماھىر يەن بىڭتاۋ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا ئىزچىل ئەنگىلىيەدە بولۇپ كەلدى، ئۇ سەييارە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە تۇنجى ئايلانمىدا داڭلىق ماھىر سېربى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. تۇنجى ئايلانما مۇسابىقە ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 17 مەيداندا 9 مەيدان ئۇتۇش تۈزۈمى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 19 مەيداندا 10 مەيدان ئۇتۇش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى