6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تور بېكىتىدە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئاسىيالىق ماھىرنى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، جۇڭگولۇق ماھىر ۋۇ لېي تىزىملىكتە بار. بېلەت تاللاش ئېلانىغا قارىغاندا، تىزىملىكتە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان ئالتە پۇتبولچى بار بولۇپ، جۇڭگولۇق پۇتبولچى ۋۇ لېيدىن باشقا يەنە ئوساسۇنا كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ئىرانلىق ماھىر نېكونام بار، ئۇ 149 مەيدان ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 24 توپ كىرگۈزگەن.
فىلىپپىنلىق ماھىر ئالكانتارا 1912-يىلىدىن 1916-يىلغىچە ھەمدە 1918-يىلىدىن 1927-يىلىغىچە بارسېلونا كوماندىسىدا توپ ئوينىغان، ئۇ 357 مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 369 توپ كىرگۈزگەن (بۇنىڭدىكى 142 توپ رەسمىي مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ ھېسابلىنىدۇ)، بەش قېتىم ئىسپانىيە پادىشاھ لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ياپونىيەلىك ماھىر چيەن گۇيشى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەيۋار، بېتتىس ۋە ئاراۋېس كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان، 129 مەيدان مۇسابىقىدە 14 توپ كىرگۈزگەن.
ئاۋسترالىيەلىك ماھىر ئالويسى 2001-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئوساسۇنا ۋە ئاراۋېس كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان، 154 مەيدان مۇسابىقىدە 39 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە پادىشاھ لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.
ئىرانلىق ماھىر شوجاي 2008-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئوساسۇنا ۋە لاس پارماس كوماندىلىرىدا توپ ئوينىغان، 101 مەيدان مۇسابىقىدە سەككىز توپ كىرگۈزگەن. جۇڭگولۇق ماھىر ۋۇ لېي 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا كىرگەن، ھازىر ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 35 قېتىم مەيدانغا چۈشۈپ، ئالتە توپ كىرگۈزگەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.