تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغان بەش چارە

1. ھېكايە ئېيتىش. گەرچە كۆپ قىسىم رەھبەرلەر، خېرىدارلار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مەسىلىنى ئۇدۇللا بايان قىلىشىنى، كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن سان سىفىرلارنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى قىيىن. ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەسۋىرلەشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار، چۈنكى ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ كۆپ قىسىملىرىغا چېتىلىش ئارقىلىق چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھېكايە ئېيتىش ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلارنى ئەستە تۇتۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

2. پات-پات دەم ئېلىش. چوڭ مېڭىمۇ بەدەنگە ئوخشاش كۈچ توپلىغاندىلا ئاندىن بىر كۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالايدۇ. گوللاندىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئارام ئېلىش ياكى ئازراق چاي ۋە پېچىنە-پىرەنىك ئىستېمال قىلىش ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىپ، مەسىلىلەرنى ئىجادىي يوسۇندا ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.

3. يېشىل بوشلۇق يارىتىش كېرەك. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەبىئەت دۇنياسىدا تۇرغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىدىكەن. شۇڭا، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن كىچىك تىپتىكى ئۆسۈملۈكلەرگە پات-پات قارىغاندا، چوڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدىكەن.

4. كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. چوڭ مېڭىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈرلۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مۇھتاج. دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەيلە قىلىش، سوزۇش مەشىقى قىلىش، ھەتتا تېز سۈرئەتتە سەكرەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

5. ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش. تىل ئالاقىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارنى ساقلاشقا پايدىسى بار. خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، خىزمەتداشلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بەرسە، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، بېسىمنى يېنىكلىتىشكىمۇ ياردىمى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ