تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىلانلىقتىكى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئالدىراشلىقى

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاپپار قادىر بىلەن خوتۇنى چىلانلارنى پۇتىماقتا.

6-ئاينىڭ 1-كۈنى، جاپپار قادىر بىلەن خوتۇنى بالىلىرىغا يېڭى كىيىم سېتىۋالماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاپپار قادىر بىلەن خوتونى ئۆيىدىكىلەر بىلەن سىندا كۆرۈشمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن خەينا خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، جاپپار قادىر بىلەن خوتۇنى ئەتىگەندىلا چىلان ئۆستۈرۈش بازىسىغا كېلىپ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. «ھازىر ھاۋا بىر قەدەر ئىسسىق، بىز ئەتىگەن سائەت 08:00دىلا چىلانلىققا كېلىپ ئىشلەپ، چۈشتىن كېيىن بالدۇرراق ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالىمىز.» جاپپار بىر تەرەپتىن چىلان پۇتىغاچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  2018-يىلىنىڭ بېشىدا، قاراقاش ناھىيەسىدىكى دېھقان جاپپار 100گە يېقىن يۇرتدىشى بىلەن بىللە چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرىدىكى چياڭدۇ چىلانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش بازىسىغا كېلىپ ئىشلىگەنىدى.

  «مەن خوتۇنۇم بىلەن بۇ يەردە خىزمەت قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى، ھەر ئايدا ئىككىمىز 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز، بۇلتۇر تېخى مەن بەنجاڭ بولدۇم. بۇ يەردە خىزمەت قىلسا كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن تېخنىكىلارنى ئۆگەنگىلى بولىدىكەن.» دېدى جاپپار.

  چاقىلىق ناھىيەسى چياڭدۇ چىلانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ جىمىڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، بىز ھەر يىلى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى كارخانىمىزدا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا قوبۇل قىلىمىز، ئۇلار  ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.»

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىدىكى 309 نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالە %80تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رايونلار ھەمكارلىقى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى