تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جان تومۇرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى−

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جان تومۇرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئۇلۇغ مىللەت.» «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر ئاز سانلىق مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىنتايىن روھلاندۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمىز.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى پارچە چوكا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئوبۇل داۋۇتنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتىمىزدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك - ياغاچچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق ئون ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەربىرىدىن بىر ئادەم، ھەتتا كۆپ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كىرىمى مۇقىم ئاشتى.» ئوبۇل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ چىن قەلبتىن ياردەم بەرگەنلىكى، يۆلىگەنلىكىدىن بولدى. ئىشىنىمەنكى، پارتىيەگە ئەگىشىپ بوشاشماي تىرىشىپ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، كۈنلىرىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس قادىلبېك قاقان مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىر قاتار مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى نامايان قىلىپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.

«بۇنىڭدىن كېيىن بىز داۋاملىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەيمىز» دېدى قادىلبېك قاقان.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزدىن باشلايمىز

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى ئىشلەش بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.» موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ بازىرى ئاقساي كەنتى مۇيىڭتەي چارۋا مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقان قازاق ئايال ئاينۇر بايجۇما مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 35 ئەزا بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق كۆپ مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز مەيلى تۇرمۇش ياكى ئىش قىلىشتا بولسۇن، ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولۇپ، بىر ياقتىن كۈچ چىقىرىمىز، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىللە كۈچەيمىز، تۇرمۇشىمىز ياخشىلانسا بىللە كۈلىمىز».

«بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخنىكىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيمەن. بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك ئاشۇنداق زىچ ئۇيۇشساقلا، كۈنلىرىمىز چوقۇم كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ» دېدى ئاينۇر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى 1 - ئىيۇل تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يەنخې يولى مەھەللىسىدە جەمئىي 1300دىن ئارتۇق ئاھالە بار بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، رۇس، شىبە قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە. مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې باۋسۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» شەكلى ئارقىلىق تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، بۇ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىنى سۆزلەش، «80 - يىللار»دا تۇغۇلغانلار، «90 - يىللار»دا تۇغۇلغانلارنى تەشكىللەپ تۈرلۈك مۇسابىقە قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەكلى كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ياخشى بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز» دېدى خې باۋسۇڭ.

ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ كېيۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىگە قويۇپ پىلانلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ھەمدە كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، چىش بىلەن كالپۇكتەك بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتۈپ، بىر ئاز سانلىق مىللەتنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايمىز» دېدى ۋاڭ كېيۇڭ.

«بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق 2 - ئىشچىلار ساناتورىيەسىنىڭ كادىرى ليۇ جاۋساۋ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تۇغقىنىم ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتىدىكى يۈسۈپجان قاسىم ئائىلىسى، 2014 - يىلى ئۇلار بىر ئائىلىدىكى بەش جان يەنىلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. كۆپ تەرەپنىڭ بوشاشماي تىرىشىشىدا، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىپ، يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى».

ليۇ جاۋساۋ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە كۈندە بىز <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا تۇغقانلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تۇغقانلىرىم بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بىرلىكتە چارە - ئامال ئويلاپ كەلگۈسىنى پىلانلايمەن، ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ياخشى ئىشلىسەكلا، كۈنلىرىمىز جەزمەن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، مايگۈل ئايتقازى، جەزىرە نېسىپبېك، ۋېي خۇڭپىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، خېي خۇڭۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ