بارلىق ياشتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قېنىپ ئۇخلاش ساغلاملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىل. ھالبۇكى، كىشىلەر خىزمەت، ئائىلە ئېھتىياجى، ھەتتا ئېسىل تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى ئۈچۈن ئۇخلاش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. لېكىن، ئەگەر ھەمىشە ئۇيقۇسىز يۈرگەندە، سېمىزلىك، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، سەكتە قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش، ھەتتا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرىلاپ كېتىشى مۇمكىن.
بىر كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئىككىنچى كۈنىدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، سىز ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىپ قالماستىن، كەيپىياتىڭىزمۇ ناچارلىشىپ، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئادەم قانچىلىك ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئېھتىياجلىق بولغان ئۇخلاش ۋاقتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئامېرىكا ئۇيقۇ مېدىتسىناسى جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئۇيقۇ تەتقىقات جەمئىيىتى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ:
ئۇخلاش ئادىتىنى قانداق ياخشىلاش كېرەك؟
ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتىڭىز ئىزچىل كاپالەتكە ئىگە بولمىسا، بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇخلاش ئادىتىڭىزنى ياخشىلىشىڭىز كېرەك.
① باشتىن-ئاخىر ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇخلاش، ئويغىنىش كېرەك. ھەر كۈنى كەچتە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇخلاش، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئوخشاش ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇش، ھەپتە ئاخىرىدىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.
② ياتاق ئۆينىڭ تىنچ، قاراڭغۇ بولۇشىغا، ئازادە، تېمپېراتۇرىسىنىڭ راھەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
③ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ياتاق ئۆيىگە ئېلىپ كىرمەسلىك كېرەك.
④ ئۇخلاشتىن بۇرۇن تويۇنۇپ غىزالانماسلىق، قەھۋە ۋە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.
⑤ تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.
⑥ ئازراق ھەرىكەت ئىشلەش. كۈندۈزى تەنتەربىيە مەشىقى قىلسىڭىز كەچتە تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىيالايسىز.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قېنىپ ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن ياخشى بولغان ئۇخلاش سۈپىتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇيقۇسى قانغان ئەھۋالدىمۇ يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلىش، كېچىسى قايتا-قايتا ئويغىنىش ھەمدە ئۇيقۇسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش (مەسىلەن، خورەك تارتىش ياكى ھاسىراش) ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتى ئۇخلاش سۈپىتىڭىزنى ياخشىلايدۇ، ئەگەر ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسىلەن، خورەك تارتسىڭىز ياكى بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.