خەلق تورى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (خاۋ شۇەي): 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش ئارقىلىق، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رەت تەرتىپى دائىمىي مۇسابىقىدىكى 1~18گىچە بولغان ئايلانمىدىكى رەت تەرتىپنى ئۆلچەم قىلىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىمىي مۇسابىقىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىن كېيىن ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە بولغان يېتەكچى پىكرىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋاسكېتبول تۈرى تەييارلىق مۇسابىقىسى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا باشلىنىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2020-يىلى 9-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پائال پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا، ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش ئارقىلىق، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: