تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر نيۇ خەييەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شۆۋېي خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىدىكى بىر دېھقانلار ئارامگاھىدا نۇرغۇن ئاپتوموبىل توختىتىلغان بولۇپ، سۇ ئۈستى ئايرىمخانىسىدا دۇتتارنىڭ ئاۋازى ياڭراپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
ئاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن ساياھەتچى مەخمۇت قاسىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «11 ئاغىنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ساياھەتكە كەلدۇق، دېھقانلار ئارامگاھىدا مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، كۈنلىرىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزدۇق. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ گۈزەللىكىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدۇق، بۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن، دېھقانلار ئارامگاھىدا ناھايىتى خۇشال ئوينىدۇق.
دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مۇلازىمەتچىسى قەلبىنۇر موللامەتنىڭ ئۆيى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ يار قوتان كەنتىدە بولۇپ، ئىشقا بېرىپ ـ كېلىشكە ئون نەچچە مىنۇتلا كېتەتتى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «دېھقانلار ئارامگاھىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، پۇل تاپقاچ، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، خىزمىتىمدىن بەك رازى.»
ئالدىنقى يىللاردا، ئېرىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئائىلىسىنىڭ ئېغىرچىلىقى قەلبىنۇر موللامەتنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى. 2017 ـ يىلى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ دېھقانلار ئارامگاھىغا كېلىپ مۇلازىمەتچى بولدى، ئېرىمۇ بازاردا ناۋايلىق قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى تەدرىجىي كۆپىيىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
«بۇلتۇر قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسىدىن ئالتىنى قوبۇل قىلغانىدۇق، بۇ يىل دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى تېخىمۇ ياخشى بولدى، شۇڭا قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسىدىن يەنە ئالتىنى تەكلىپ قىلدۇق.» دېدى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى ما گوخۈي.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «ساياھەت+» ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى جۇڭگو يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك كەنتتىن بىرنى، جۇڭگو يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن دېھقانلار ئارامگاھىدىن بىرنى، جۇڭگو يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت كىشى «جۇڭگو يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى بېيىش باشلامچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.