تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامرات ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاماق قاچىسى»نى چىڭ، پۇختا تۇتقۇزۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

«بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، ھازىر ئايلىق كىرىمىم 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ.» 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى توقسۇن نېڭخۇا چەكلىك شىركىتىنىڭ كالتسىي كاربىد 3 - سېخىدا، پېچتىن چىقىرىش ئىشچىسى مەمەتتوختى ئابدۇخېلىل ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرىدىكى نامرات ئاھالە مەمەتتوختى توقسۇنغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى. ھازىر ئۇ پىشقان كەسىپ ئىشچىسى بولۇپ يېتىلدى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، مەمەتتوختىغا ئوخشاش نۇرغۇن نامرات ئەمگەك كۈچى پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەندى، قىلىدىغانغا ئىشى بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدى، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش «تاماق قاچىسى»نى چىڭ، پۇختا تۇتقۇزدى.

ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى

«مەن بىلەن ئېرىم بۇ يەردە ئىشلەيمىز، ئىككىيلەن ھەر ئايدا 9000 - 8000 يۈەن مائاش ئالالايمىز، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېدى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى نۇخان تىلەم كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا، رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. 2018 - يىلى، ئاپتونوم رايون دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يىرىك پىلان بويىچە، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇخان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى: «ئىلگىرى مەن كۈنبويى قازان بېشىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان يېزا ئايالى ئىدىم، ھازىر ئىشچى بولدۇم، ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، ئىلگىرى پۇلۇم يوق ئالالمىغان يېڭى كىيىملەرنى ھازىر ئالالايدىغان بولدۇم...»

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 150 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملانغان. نۇخانغا ئوخشاش نۇرغۇن نامرات ئاھالە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ماڭغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى، ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

نامرات ئاھالىلەر بىردىن ماھارەت ئىگىلىدى

«مەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى بىر يىل ئۆگەندىم، ئۆزۈم دۇكان ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، ھازىر مال كىرگۈزۈشنى باشلىدىم» دېدى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى كۆكمەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈليار مەتتوختى كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

قولىدا بىرەر تېخنىكا بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن غەم قىلىش كەتمەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقان - چارۋىچىنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى، چىرا ناھىيەسى ئەمەلىي ماھارەت مەشىقىنى ئاساس قىلغان دېھقان - چارۋىچىلار تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش، كەپشەرلەش، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق تېخنىكا - ماھارەت تەربىيەسى ۋە كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈردە 19 كەسىپ تەسىس قىلدى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار، بولۇپمۇ نامرات ئاھالىلەر بىردىن ماھارەت ئىگىلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ جىبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەكتىپىمىز جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلىدى.

بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىدىغان «قان ئىشلەپ» نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يادرولۇق تەدبىر. ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى «تاماق قاچىسى»نى چىڭ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، بولۇپمۇ نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى سىجىل يولغا قويدى، بۇ يىل يىل بېشىدىن 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 170 مىڭ 400 كىشى قېتىم تەربىيەلەندى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاساس سالدى.

نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلىنىشى ئالغا سىلجىتىلدى

«بىز زاۋۇتقا يېڭى كەلگەندە، ياتاق، يوتقان - كۆرپە، تازىلىق بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تەييارلاپ قويۇلۇپتۇ. خىزمەتتە ئۇستازلار ئۆگىتىپ يېتەكلىگەچكە، مەن نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى مەمەتئېلى مەخمۇت 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خۇشال ھالدا مۇخبىرغا.

مەمەتئېلى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسى تۆۋەنمەھەللە كەنتىدىن. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى بىر تۈركۈم ئەمگەك كۈچلىرى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار نامرات نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئىش ئورنى بولۇش، كۈندە كىرىمى بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئىشىكى ئالدىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا، جەنۇبى، شىمالى شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ بەزىلىرى كىچىك ماگىزىن، كىچىك ئاشخانا، رېمونتخانا قاتارلىقلارنى ئېچىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، ئىدىيەۋى قارىشى ئۆزگەردى، چېھرىدە تەبەسسۇم كۆپەيدى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلەرگە تولدى.

«بىز ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتقا كىردۇق، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا خىزمىتىمىز بار بولدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن» دېدى كەنت نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشلەۋاتقان يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرى چارەكبازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايتۇخان غوپۇر 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى