تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئاھالىلەرنى ئىشىك ئالدىدىلا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
    زاۋۇتلار ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلۇپ، نامرات ئاھالىلەر زاۋۇتلارغا كىرىپ، كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش مۇستەھكەم ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

    6-ئاينىڭ 5-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ سېخىدا تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە. بۇ شىركەت شۇ جايدىكى 80 كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. گېزىتىمىز پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى

    6-ئاينىڭ 6-كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئەخەت ئابلا ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېڭى ئارپا كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدا مال يۆتكىمەكتە. گېزىتىمىز پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  6-ئاينىڭ 2-كۈنى، كەنت ئاھالىسى يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتى تۇتاۋرېن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تورت پىشۇرۇش سېخىدا ماخار پىشۇرماقتا. بۇ شىركەت شۇ جايدىكى 38 نامرات كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. گېزىتىمىز پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  5-ئاينىڭ 20-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرىغا جايلاشقان كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ سېخىدا يالغان چاچ ياسىماقتا. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت شۇ جايدىكى 1098 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات كەنت ئاھالىسىدىن 438ى بار. گېزىتىمىز پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  6-ئاينىڭ 3-كۈنى، خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدىكى 400دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشتىن چۈشۈپ زاۋۇتتىن چىقماقتا. گېزىتىمىز پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

     6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچىلار كۇچا كونا شەھەر ئىگىلىك تىكلەش رايونىغا جايلاشقان نۇسرەت يېمەك-ئىچمەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ قاچىلىماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ئىگىلىك تىكلەش رايونىدىكى 21 كىچىك، ئۇششاق كارخانا شۇ جايدىكى 7487 ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. (نىياز راخمان فوتوسى)

     6-ئاينىڭ 7-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ مىرەن يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە تورت پىشۇرماقتا. بۇ شىركەت 310 ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. گېزىتىمىز پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

      6-ئاينىڭ 4-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى ئوتتۇرا كونزىيا كەنتىگە جايلاشقان دەۋر قولدا توقۇلغان گىلەم زاۋۇتىدا گىلەم توقۇماقتا. بۇ گىلەم زاۋۇتى شۇ جايدىكى 45 كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى