تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بويىچە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقى زور، كەسىپلەرنىڭ باغلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەۋاتقانلار ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدۇ، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەر - بازارلارغا يۆتكىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ، بۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقانلىقتىن، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىشچىلارغا بولغان ئېھتىياجى زورايدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان يادرولۇق ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، سالمىقى تېخىمۇ زور بولغان بىناكارلىق - قۇرۇلۇش ساھەسىدە تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئەمەلىي تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىش، تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش، راست نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يېڭى ۋەزىيىتىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قوش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ