تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بەخت گۈللىرىنى ئېگىزلىكتىكى نامرات كەنتتە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش

ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى شەرافدى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى ليۇ گاڭ−

بەخت گۈللىرىنى ئېگىزلىكتىكى نامرات كەنتتە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش

[ئىستون سۆزى]

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا مۇنداق بىر توپ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر بار −

ئۇلار نەچچە ئون مىڭ پارتىيەلىك كادىر بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىش قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ئىستىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يېڭىش ئەڭ تەس بولغان ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھۇجۇم قىلىش ئەڭ تەس بولغان قورغانلارنى ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ؛ ئۇلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئادەتتىكى ئامما بولۇپ، مۇستەھكەم ئىشەنچ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داغدام يولىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇلار يەڭنى تۈرۈپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، قەدەمنى چوڭ ئېلىپ، نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاپ، بېيىش يولىغا ئاتلىنىپ، تامچە - تامچە ئەمگەك تەرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بەختىيار تۇرمۇشنى سۇغارماقتا...

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش. بىرىنچى سەپتىكى سىيمالار» ئىستونى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى قېزىلىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، جانلىق ئۇسلۇب بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كوللېكتىپ ئوبرازلار سۈرەتلىنىپ، نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلىش روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇلالاندۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىنىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى شاڭ شياۋۋېي

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى شەرافدى كەنتىدىكى «سۇلۇق يەر باغچىسى» تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، شۇ كۈنى بىر مەيدان ئات بەيگىسى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى تىجارەتكە قاتناشقان بارلىق چارۋىچىلار ئارامگاھى ۋە تاۋارلارنى پارچە سېتىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ھەربىر تىجارەتچىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، كەنت كوللېكتىپى پارنىكتا يېتىشتۈرگەن 1 - تۈركۈمدىكى 3000 تەشتەك يېشىل پىچەكگۈل، ئەتىرگۈل سېتىلىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى شەرافدى كەنتىگە بېرىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان 1 - شۇجى ليۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدىغان يىلدا، يۇرتداشلار رازى بولغۇدەك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، بەخت گۈللىرىنى پامىر ئېگىزلىكىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز».

«N+1+1» بويىچە ياردەم بېرىپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ياچېيكىسى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇلدى

2018 - يىلى 1 - ئايدا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ليۇ گاڭنى شەرافدى كەنتىگە 1 - شۇجى قىلىپ تاللاپ ئەۋەتتى.

بەنزە بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ، ئىجرا قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ليۇ گاڭ «N+1+1» ياردەم بېرىش، يېتەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەربىر كادىردىن بىر كەنت كادىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، بىر كادىر ئۈچتىن تۆتكىچە پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئالاقە باغلاپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىپ، بىرگە بىر، بىرگە كۆپ بولغان ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدىن پايدىلىنىپ، كەنت كادىرلىرىنى نەزەرىيە، سىياسەت ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى بويىچە، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى دائىملاشتۇردى، قېلىپلاشتۇردى؛ كەنت كادىرلىرىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈردى؛ كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى، كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى قاتارلىق 26 تۈرلۈك قائىدىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شەرافدى كەنتى بىراقلا نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2017 - يىلىدىكى 6673 يۈەندىن 2019 - يىلى 9275 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %39 بولدى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۆلەتمەمەت رېيىسىك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىرقى كەنت <ئىككى كومىتېت>ى بەنزىسىدىن ئامما بارغانسېرى رازى بولدى».

نامرات كەنت ئاھالىلىرى كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى

شەرافدى كەنتى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى غەربىي كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىل، مۇھىتى ناچار، يېرى ئۈنۈمسىز بولغاچقا، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى يۇقىرى ئىدى. بۇ پايدىسىز ئامىللار ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ تۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ھەر جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، 94 نامرات ئائىلىدىكى 116 ئەمگەك كۈچى ئۈچۈن چېگرا قوغدىغۇچىسى، ئوتلاق قوغدىغۇچىسى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى ھەممە ئائىلىنىڭ پۇل تېپىش يولى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 183 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ھەممىسى پاكىز، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

شەرافدى كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سىجىل مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن يېڭى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ۋەچە يېزىسىدىكى «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى» دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردا قىزغىن ئالقىشلاندى. 30 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئايلانما تاغ يولىدا 600دىن ئارتۇق ئەگىم بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە بۇ تۇتاش ئەگىملەر بىر بۆلەك قىسقا سىن فىلىمىدە نەچچە يۈز مىليون قېتىم چېكىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توردا ئالقىشلانغان كۆرگۈچىلىكى بار تاشيولغا ئايلاندى. لېكىن بەزى ساياھەتچىلەر تاماق يەيدىغان، دەم ئالىدىغان جاي تاپالماي، كەلگەن يولى بىلەن قايتىشقا مەجبۇر بولاتتى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، كەنتتە «<پەنلۇڭ قەدىمىي يولى>دا مېڭىش، سۇلۇق يەر باغچىسىنى سەيلە قىلىش، چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن ھۇزۇرلىنىش»تىن ئىبارەت ساياھەت تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ كەنت كۆلىمى 180 مو كېلىدىغان «شەرافدى سۇلۇق يەر باغچىسى» قۇردى، نامرات ئائىلىلەر تىجارەت قىلىدىغان توققۇز ساياھەت كىگىز ئۆيى ياسىدى، ئۆز كەنتىدە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش ئەترىتى تەشكىللىدى.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، ليۇ گاڭ ئۆزى مەبلەغ توپلاپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كوللېكتىپ پارنىكىدىن ئىككىنى ئۆزگەرتىپ، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» شەرافدى گۈل - گىياھ كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلدى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، يېتىشتۈرۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى گۈل - گىياھلار سېتىلىپ تۈگىدى.

پۈتۈن كۈچى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلدى

ليۇ گاڭ توردىن پارنىكتا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، چارۋىچىلارغا پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئاشخانىسىنى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش دەرسخانىسى قىلىپ پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدى. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، كەنت ئاھالىلىرى ئاسان ئۈششۈپ قېلىش ئەھۋالىغا قارىتا، ليۇ گاڭ ۋۇخەن خۇايۈەن تەيكاڭ بىيو پەن - تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت داۋالاش ئۆيىگە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 1000 قاپ ئۈششۈك يارىسى مەلھىمى ئىئانە قىلغۇزۇپ، ئۈششۈك يارىسى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى.

كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى يەنە بىر كۆزنەكلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە ئاز سوممىلىق پۇل ئامانەت قويۇش - ئېلىش، قىممەت تولۇقلاش، توردىن مال سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرى بۇ زالنى يېقىملىق قىلىپ «بىر قېتىملا قاترايدىغان زال» دەپ ئاتاشتى.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، ليۇ گاڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ 190 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ بەردى؛ قۇياش ئېنېرگىيەلىك تام چىرىغىدىن 115نى سېتىۋېلىپ ئورناتقۇزۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېچىدە ھويلىسىنى يورۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ليۇ گاڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن 1 مىليون 417 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرافدى كەنتىگە 11 كىلومېتىر ئاسفالت يول ياساپ بەردى، 4.5 كىلومېتىر توك يولىنى ئۆزگەرتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلدۇردى، مېھىر - شەپقەت جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى، بەخت قورۇسى قاتارلىقلارنى سېلىپ بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى