6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ يىل 3-ئايدا توختىتىپ قويۇلغان ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى 9-ئايدا قايتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەگىشىپ، قايتا باشلىنىدىغان ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ماھىر ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى قائىدىسىنى ئىشلىتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە بەش ماھىر (ئۈچ قېتىمدا ئالمىشىپ بولۇشى شەرت) ئالماشتۇرۇشقا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يۇقۇم مەزگىلىدە چىقارغان مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە قائىدە تەڭشەش مەزمۇنى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى