تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىنسانلار مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئەيدىز، ئېبولا، قۇش زۇكىمى، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇملارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم تەجرىبە، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا شەكىللەندۈرگەن كەڭ ئورتاق تونۇش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا بۇرچىمىزنى پائال ئادا قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكار ھالدا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يۇقۇم ۋە ۋىرۇس ئۇچۇرى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرى، ئۇسۇللىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ماددىي ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدۇق. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: بىز خەلقئارا بۇرچىمىزنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

ھازىر، ئىنسانلار 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مىسلىسىز جاپالىق تىرىشىش، غايەت زور بەدەل تۆلەش، ئېغىر، زور قۇربان بېرىشكە بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى كۈچلۈك تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىدى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەم مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلدى، بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىسىدىن تولۇق، تەڭ بەھرىمەن بولدى، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگو 150كە يېقىن دۆلەت ۋە تۆت خەلقئارا تەشكىلاتنى جىددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىدى؛ جىددىي ئېھتىياجى بار 24 دۆلەتكە 26 داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، 170تىن كۆپرەك دۆلەت ئۈچۈن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى مەخسۇس تېمىلىق سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى؛ يەنە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قىس بولغان داۋالاش ماددىي ئەشيالار ۋە ئۈسكۈنىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقاردى، ماسكا ۋە مۇداپىئە كىيىمىدىنلا ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇنياغا 56 مىليارد 800 مىليون دانە ۋە 250 مىليون يۈرۈش ئېكسپورت قىلدى. بۇ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق يەر شارى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى، خەلقئارادىكى زاتلار مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بۇ قېتىمقى يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، يۈكسەك خەلقئارا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئەرزىيدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تارىخى يەنە كېسەل ۋە ئاپەت بىلەن كۈرەش قىلغان تارىختۇر. دەل ھەربىر قېتىملىق بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشقاچقا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئاندىن ھەربىر قېتىملىق ئېغىر، زور يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. يامان ئەلپازدا كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت چېكىنمىدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يۇقۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى خەلقئارا بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئەمەلىيەت بىزگە يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رايون - ئىرق، تارىخ - مەدەنىيەت ھەتتا جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن ھالقىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يۇرت - ماكانىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئىرق ئايرىمايدۇ. سىياسىي نەيرەڭۋازلىق پەقەت ۋىرۇسقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، قوشنىسىغا ئورا كولىسا ۋىرۇس تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ تارمار قىلىنىدۇ، ئىلىم - پەنگە سەل قارىسا، ۋىرۇس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋالىدۇ، خالاس. پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن بۇ ئورتاق كىرىزىس ئالدىدا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ، ھازىر ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاجمىز. خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرقى ۋەزىيەتتە خەلقئارا ئىتتىپاقلىق ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى كۈچەيتىشنىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. پەقەت خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش بۇ مەيدان كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىنسانلارنىڭ مەۋقەنى ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا قويۇش، يىراقنى كۆزلەپ، تۈرلۈك ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى تۈپ چوڭ تەدبىر. ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە يەنىلا تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامراش ۋەزىيىتىنى ئىمكانقەدەر تېز توسۇپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسۇش؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق دەل خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىق، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى قوللىغانلىق دېگەن ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاشنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش؛ خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىش. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 73 - نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە يىغىنى سىن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جاكارلىغان جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەش چوڭ تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ۋىرۇس خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ساداسى. ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغاندىلا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى بىرلىكتە قوغدىغاندىلا، ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان يەر شارىدىن ئىبارەت يۇرت - ماكاننى بىرلىكتە قوغدىغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ