تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پەن - تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىشىدىكى ئۆتكۈر قورال، ئىنسانلارنىڭ چوڭ ئاپەت، چوڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىلىم - پەن تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىگە بولغان پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پەن تەتقىقات قوشۇنىغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ئىككى ئۇرۇش سېپىدە بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى، بىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپى، يەنە بىرى پەن تەتقىقات ۋە ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش. بىز ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا زىچ تايىنىپ، پەن - تېخنىكىدا جىددىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش جېڭىنى باشلاپ، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تولۇق گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپى ھەم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان ۋىرۇس زەھەر تۈپىنى بېكىتىپ، كۆپ خىل تەكشۈرۈپ - ئۆلچەش سىناق دورىسى مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر تۈركۈم ئۈنۈملۈك دورا ۋە داۋالاش لايىھەلىرىنى تېزلىكتە تاللاپ چىقتۇق، كۆپ تېخنىكىلىق لىنىيە بويىچە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كىردى. يېقىندا، ۋۇخەندە پەقەت 19 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ 9 مىليون 900 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى، ساغلاملىق كودى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، داۋالاش - پەرۋىش قىلىش ياردەمچى ماشىنا ئادەم، 5G يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، تەھلىل قىلىش، ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش، بايلىقلارنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. پەن تەتقىقات، كىلىنىكا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپى ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتىن ئىبارەت ھەرقايسى تەرەپلەر زىچ ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. خۇددى «ليۇيېداۋ»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى رىچارد خورتون ئېيتقاندەك، جۇڭگو دوختۇرلىرى ۋە ئالىملىرى ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

ئىنسانلار ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، لېكىن ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەمەس. «تاسادىپىي ئىشلاردىن ئالدىن مۇداپىئەلىنىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقەللىي ساۋات.» بىز شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل ۋە بىيوبىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىستۇر، ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ۋە بىيوبىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىمۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرىپى بولسا پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتۇر. بىيوبىخەتەرلىكىنى دۆلەت ئومۇمىي خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پەن تەتقىقات كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلاشقان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئىگىلەپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك. يۇقۇم يامراپ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەندىن كېيىنكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوماندانلىق قىلىش، ھەرىكەتكە كېلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئادەتتىكى مەزگىلدە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى ياخشى تەييارلاپ، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە تېز قوزغىتىش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەن - تېخنىكا قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك قورال. تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سىستېمىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نوپۇس ساغلاملىقى، بىيوبىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھاياتلىق ئىلمى، بىيوتېخنىكا، تېببىي دورا - سەھىيە، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت نۇقتىلىق پەن تەتقىقات سىستېمىلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركەزلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى ئاساسىي تەتقىقات ۋە داۋالاش، ساغلاملىققا ئائىت ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. كىلاسسىك تېببىي كىتابلارنىڭ جەۋھەرلىرىنى رەتلەش ۋە قېزىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات تىرىكى سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، جۇڭيى دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى دورىلىرى بويىچە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى بويىچە يۇقىرى سەۋىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىشلىتىش مېخانىزمى، بەس - بەستە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق بولغان رىقابەت مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇنبەت تۇپراقنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە چاقىرىقى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەۋر ساداسى.» خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر، چوڭ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى پەن - تېخنىكا تەمىناتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، چوقۇم خەلقنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان تۇرمۇش مۇھىتى، تېخىمۇ ياخشى داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى، تېخىمۇ خاتىرجەم يېمەكلىك - دورىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ