تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئونسۇ ناھىيەسى: نامراتلارنى يۆلەش كەچلىك بازىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ چوڭ سەھنىسىگە ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دىڭ لىجۈەن، ئىختىيارى مۇخبىر رېن يانەن خەۋىرى): «ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، كەچلىك بازارنىڭ سودىسىمۇ بارغانسىرى ياخشىلاندى، چوڭ سەھنىمىز ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەنتىمىز شەھەرگە ئوخشاش قاينام-تاشقىنللىقا تولىدۇ.» دېدى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىگىلىك تىكلەپ يېتىلدۈرۈش باغچىسىدا ئىشچىلارنىڭ سەھنە ۋە رەڭلىك چىراق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن توختى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  بۇ يىل ئەمدىلا يېپىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، «خەلقنى ئەلا بېلىش» «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» «كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت يارىتىش» «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» «ئىككى 1 تىرلىيون» قاتارلىق «قىزىق نۇقتا سۆزلەر»دە خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن سۆز 39 قېتىمدىن ئارتۇق تىلغا ئېلىندى.

  بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 29 ياشلىق توختىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى تەسىرگە ئۇچرىدى، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ۋىلايەتتە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، ئۇ جەملىگەن 400 مىڭ يۈەن پۇلنى قىزىل بازىرى ئوقتېرەك كەنتىدە بىر بازار قۇرۇشقا ئىشلەتتى.

  «ئۆيدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغان مەزگىلىدە، مەن ھەر كۈنى خەۋەر كۆرۈپ، نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا ئويلاندىم. مەن ئىلگىرى خېنەن پىڭدىڭشەن سەھىيە مەكتىپىنىڭ دورا كەسپىدە ئوقۇغان، ئەگەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىمىگەن بولسام، بەلكىم مەن بىر تېببىي خادىم بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى. بۇ مەيدان يۇقۇمدا، دوختۇر-سېسترالار خەتەرگە قارىماي ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغدايدىغان قالقان بەرپا قىلدى، جۇڭگودا تۇغۇلغانلىقىمدىن، ئۆزۈمنى تولىمۇ تەلەيلىك دەپ ئويلايمەن. ئىلگىرى، مېنىڭ ئارزۇيۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇش ئىدى، ھازىر مېنىڭچە بۇ نىشان تولىمۇ كىچىك ئىكەن، مەن قېيىنچىلىقى بار ئاممىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىمەن.» دېدى توختى.

  «مەن يېتىشتۈرۈش باغچىسىدا چوڭراق كەچلىك بازىرىدىن بىرنى قۇرۇشنى ئويلاشتىم.» دېدى توختى ئوڭ قولىنى چىقىرىپ، ئەگمە سىزىقتىن بىرنى سىزىپ. بۇ «يېرىم چەمبىرەك» ئىچىدە، دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن يېتىشتۈرۈش باغچىسىدىن سىرت، يەنە تۇتاش كەتكەن مېۋىلىك باغ بار ئىدى.

  ئىلگىرى، ئوقتېرەك كەنتىدە، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى ئىدى. «يىل بويى، كۆپچىلىكنىڭ ئويلايدىغىنى قانداق قىلغاندا باغدىكى مېۋىلەرنى، ئېتىزدىكى پاختىنى، قوتاندىكى قوي-كالىلارنى ياخشى باھادا سېتىش ئىدى.» 47 ياشلىق ئايتۇرەم رۇستەم مۇنداق دېدى: «ھازىر، خىزمەت پۇرسىتى بىزنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى، مەن ئۆپكە-ھېسىپ ۋە لەمپۇڭ سېتىپ، كۈنىگە 200-100 يۈەنگىچە كىرىم قىلىمەن.»

  ئايتۇرەم رۇستەمدىكى ئۆزگىرىش، ئوقتېرەك كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى پەقەت بىر ئىخچام كۆرۈنۈش ئىدى، 2013-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئەڭ قېيىن چاغلىرىدا 50 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالدى، ئېرى بەل ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانسا بولمايتتى، ئىككى بالىسى ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇ بىر ئادەمگە تايىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى باقاتتى. ھازىر، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر «يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش»قا قاتناشتى، 8.5 مو يەرگە بىرلا خىل پاختا تېرىشتىن پاختا ۋە باغ-ئورماننى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بولدى، ئۆيىدىكى بەش قوي ھازىرقى 25 قويغا كۆپەيدى، يەنە ئۈچ كالا بېقىپ، 2019-يىلدىكى كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  «بالىلىرىممۇ بەك ياراملىق. بىرى داشۆگە ئۆتتى، يەنە بىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ يۈكى يېنىكلىدى. كەچلىك بازار كەچ سائەت 8:00 دىن ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 1:30غىچە ئېچىلىدۇ، ھەر كۈنى مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ئېرىممۇ ماڭا ئاز-تولا ياردەم قىلالايدىغان بولدى، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى بىر قاتلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمەن.» دېدى ئايتۇرەم رۇستەم.

  يېتىشتۈرۈش باغچىسىدا پىلانلانغان 50 دۇكان ئىچىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، چەت-ياقىدا بولۇش سەۋەبىدىن ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر 20 دۇكان بىلەن ھەقسىز تەمىنلەندى، كەنت ئاھالىسى ئوغلەم مەتنىياز بىر دۇكاننى يىلىغا 3000 يۈەندىن ئىجارىگە ئالدى. ئۇنىڭ دۇكىنىدا ئاساسلىقى كاۋا مانتىسى، تاۋۇز، قوغۇن سېتىلىدىغان بولۇپ، بىر مانتا بىر يۈەن، بىر تىلىم تاۋۇز ئىككى يۈەن، بىر تىلىم قوغۇن ئۈچ يۈەنگە سېتىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ھازىرغىچە، ئۇ كەچلىك بازاردا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. توختى قىزىل بازىرىدىكى بەش كەنتتە مېھىر-شەپقەت تاللا بازىرى ئېچىپ، پۈتۈن بازاردىكى 16 قېيىنچىلىقى بار ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  «كەلگۈسىدە كەسپىي ماھارەت كۇرسى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلغۇم بار» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى