شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي شياۋگۇاڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى ۋاكالىتەن تالون كەستۈرگەندە پەقەت بانكا كارتىسى ئارقىلىقلا باج تاپشۇرغىلى بولاتتى، ھازىر بىۋاسىتە ئۈندىدار ئارقىلىق باج تاپشۇرغىلى بولىدۇ، ئۈچ مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئاسانلا بېجىرىپ بولدۇم، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بوپتۇ.» يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ ئەپەندى ئۆيىدە يان تېلېفونى ئارقىلىق 1500 يۈەنلىك ماشىنا ئىجارە تالونىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋاكالىتەن كەستۈردى.
دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى باج بېجىرىشنى كۈچەيتىش خىزمەت تەلىپىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەق پۇلسىز سودىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، يېقىندا، شىنجاڭ باج ئىدارىسى شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، يان تېلېفون APPسى، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى يان تېلېفون تېرمىنالى، ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى، ئەمەلىي باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش كەسپىنى يولغا قويۇپ، تور ۋە تور سىرتى، ئىچكى تور ۋە تاشقى تورنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى تور بەت تېرمىنالى، باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا شەكىللەنگەن ئىككىلىك كود ئارقىلىق چىقىم قىلىپ باج تاپشۇرۇش تەرتىپىنى تاماملىسا بولىدىكەن؛ يەنە يان تېلېفون ئارقىلىق شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى APPسى، شىنجاڭ باج ئىشلىرى يان تېلېفون APPسى، ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق يان تېلېفوندا باج بېجىرىش يۇمشاق دېتاللىرىغا تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ئۈندىدار، چىقىمدان، يۈنشەنفۇ قاتارلىق ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىشقا ئۆتۈپ، «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى باج بېجىرىش - ھەق تاپشۇرۇش كەسپىنى تاماملىسا بولىدىكەن. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ باج ئىدارىسى ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش شەكلى ئارقىلىق جەمئىي 80 مىڭ 214 قېتىم باج تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرگەن، جەمئىي تاپشۇرۇلغان باج پۇلى 98 مىليون 715 مىڭ 300 يۈەن بولغان.
شىنجاڭ باج ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق تاپشۇرۇلغان ھەربىر باج پۇلىنىڭ ھەممىسى راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات ۋە باج سىستېمىسى، خەلق بانكىسىنىڭ دۆلەت خەزىنىسى سىستېمىسى ئارقىلىق راسچوت قىلىنىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى ئەپلىك چىقىم قىلىش شەكلى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، يەنە باج پۇلىنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە ۋاقتىدا، بىخەتەر تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
باج تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش تەبىئىي شەخسلەر ھەمدە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ۋاكالىتەن تالون كەستۈرۈش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ھەم ئۆي - زېمىن ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يۆتكەش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشتىكى ئاساسلىق ھەق تاپشۇرۇش يولىغا ئايلىنىدىكەن.