تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈنلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇشتەك خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمى ئىللىق، گۈزەل نامايان بولىدۇ؛ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى يىلدىن - يىلغا ئۆسۈۋاتىدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى «قوغدىماقتا»، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيلەردىن كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇرىدىغان بولدى... خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش يولىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم بەختىگە تىرەك بولماقتا.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، بەخت مەنبەسى. ھەربىر ئادەمنى ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتۈرۈش خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمىگە قويۇق تۈس بەردى.

«يېڭى ئۆيىمىزنى زىننەتلەپ كۆچۈپ كىردۇق، بۇ يىل 9 - ئايدا ئىككى بالىمىزنى ئېلىپ كېلىپ مەكتەپكە بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەندە ئىدارىنىڭ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئىشقا ماڭغان شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيەسى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى زۇلخۇمار ئابدۇۋەلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا.

ھەر كۈنى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ كېلىش زۇلخۇمار ۋە ئېرى ئەمەتجان مامۇتنىڭ كۈندىلىك ئىشى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ ئىككىيلەن كونا شەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ تونباغ كەنتىدىن فۇكاڭ شەھىرىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىد - ئارزۇسى تولۇپ تاشقانىدى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئۈمىد - ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن جۇڭتەي خىمىيەسىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى، ئايلىق كىرىمىنى قوشقاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، يەنە بىر يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشتى.

قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئەمەتجان ئەر - خوتۇننىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى، 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى شۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئورۇندالدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش باشتىن - ئاخىر ساقلاندى.

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما بازىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا، 100 نەچچە ئىشچى باش چۆكۈرۈپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «بۇ يەردە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم، بۇلتۇر 6 - ئايدا زاۋۇت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدۈم، ھازىر ئايلىق مائاشىم 3300 يۈەن. ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، كۈنلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى گۇلاخما بازىرى ئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇمەريەمخان ئابدۇرېھىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق يۈكنى يېنىكلىتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتتى: كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش، شەخسلەر ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سوممىسىنى ئۆستۈرۈش... تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى «تاماق قاچىسى»نى چىڭ تۇتۇپ، كىشىلىك ھاياتتا ئۇتۇق قازىنىپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئالدىنقى ئايدا، سانجى شەھىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، 150 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى ۋە 16 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدىم. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپپارات ياخشى ئايلىنىپ، يەنە ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سانجى شەھىرى خۇائېرزى مۇزىكا شەھەرچىسىدىكى سىنشيا بالىلار ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ تۇڭ كەلگۈسىگە بولغان تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

تۆۋەن چەككە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىندى

خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزگەندە، خەلق رايىنى ئۇتقىلى بولىدۇ.

«داشۆگە چىققاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ياردىمىدە، 6000 يۈەن ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلدىم، دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغى سىياسىتى مېنى ئارزۇيۇمغا ئىنتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى خۇرشىدە مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

«بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق كېرەك»، بۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشتىن ئىبارەت كۆپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئوقۇش ياردەم مەبلىغى سىياسەت سىستېمىسى شەكىللەندى، بۇ يىلنىڭ 1 - پەسلىدە جەمئىي 6 مىليارد 511 مىليون يۈەن ئوقۇش ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، 5 مىليون 559 مىڭ 100 ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سانسىزلىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۈمىد چىرىغى يورۇتۇلدى.

خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى خەلق تۇرمۇشىدىكى «كىچىك» كوردىناتلاردا بىر - بىرلەپ گەۋدىلەندى. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تۇرمۇشتا يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەر ۋاقىت غېمىنى يەپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئىشنى ئۇلار ھەل قىلىنىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

نامرات نوپۇسنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلارغا قارىتا شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتى ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 60 ياشتىن ئاشقان نامراتلارغا قارىتا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىشقا تېگىشلىكلىرىگە تولۇق تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلار ئىچىدىكى ئېغىر كېسەل، سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشقا تېگىشلىكلىرى تولۇق داۋالاندى. ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى %100كە يەتتى، ھەممە كەنتتە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرلىرى بار بولدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەمكارلىق دوختۇرخانىلىرىدا يېتىپ داۋالىنىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش ۋە بىر كۆزنەكتە ھېسابات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاغرىقلارنى ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە قاپلاش نىسبىتى %99.14كە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشى، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خەلق تۇرمۇشىنىڭ «ئاساسى»نى مۇقىملاشتۇرۇشتا. يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل «كۈچلۈك، يادرولۇق» قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقاردى: ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باھا ۋاقىتلىق ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، تولۇقلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليارد 180 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ياردەم پۇل مەبلىغى تارقىتىپ، شەھەر - يېزا تۆۋەن كاپالىتى، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بېقىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، سەرگەردان - تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلەتكەن.

«بىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەم - كوتسىز ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى يۇڭفېڭ.

خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى خەلق تۇرمۇشىدىكى جانلىق كارتىنىلارغا ئايلىنىپ، پۇقرالارنىڭ ئالقىشلىرى ئىچىدە گەۋدىلىنىپ، ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى قەتئىي بوشاشماي ئاشۇرۇلدى

«يېزىلىق شىپاخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتىمەن، كۆكرەك لېنتىسىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر دىياگنوز قويدى، يىراققا بارمايلا مۇتەخەسسىسلەرگە كېسەل كۆرسىتەلىدىم، ھەقىقەتەن قولايلىق بوپتۇ» دېدى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى قوشئاۋات بازىرىنىڭ ئاھالىسى خەيرىگۈل قادىر.

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا يىراقتىن داۋالاشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلار ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىنى يىراقتىن داۋالاش بويىچە قاپلىنىش دائىرىسى %70كە يەتتى. يىراقتىن داۋالاشنىڭ ئومۇملىشىشى ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ناھىيەدىن چىقماي، ھەتتا يېزىدىن چىقمايلا چوڭ دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالىشىغا ئېرىشتۈرۈپ، كېسەل كۆرسىتىش يۈكىنى يېنىكلەتتى.

تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى... ھەربىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى.

ئائىلە دوختۇرى، سېسترالار بىلەن توردا كېلىشىش، سىنلىق سوراپ دىياگنوز قويۇش... «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق»نىڭ يېڭىچە مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئۇسۇلىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتمەكتە. «كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كېلىشىم ئىمزالىغان دوختۇرى بار، يەنە بىزگە ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ بەردى، ھەر يىلى ھەممىمىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولالايمىز» دېدى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قالما كەنتىدىكى 81 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى راخمان تاھىر ناھايىتى ئىپتىخارلىق بىلەن.

ئاقىل مەكتەپ، يۈرۈشلەشكەن سىنىپ، بىۋاسىتە تارقىتىش دەرسخانىسى... مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «تور لىنىيە»سى شەھەر - يېزىلاردىكى دەرسخانىلارنى تۇتاشتۇردى. يىراقتىن ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى بالىلار ئۈرۈمچىدىكى، ھەتتا ئىچكىرى رايونلاردىكى بالىلار بىلەن ئوخشاش دەرسكە قاتنىشالايدىغان بولدى. ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپ ھەربىر بالىنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.

رەقەملەر خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى. 2013 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 19 مىڭ 874 يۈەندىن 34 مىڭ 664 يۈەنگە ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7296 يۈەندىن 13 مىڭ 122 يۈەنگە ئاشتى؛ نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى، ھەر مىللەت ئامما دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى