تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىشچان بولساقلا، كۈنلىرىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ياۋېن): غورىگىل تۇرمۇش بىلەن خوشلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھىمىت ئىمامنىيازنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئازادە ئۆي، تومپايغان ھەميان، بۇرۇن ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان تۇرمۇش ھازىر رېئاللىققا ئايلانغانىدى. «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن، كۆپچىلىك مېنى ئۆز قولۇم ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» دېدى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ھىمىت ئىمامنىياز توخۇلارغا بىر سىقىم داننى چېچىپ بەرگەچ.

  ھىمىت ئىمامنىياز خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يۇڭئەن كەنتىدىن، ئەسلىدە ئۇنىڭ كىيىملىرى جۇل-جۇل، چاچلىرى پاخپايغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى پەقەت ئىككى مو يەرگە تايىنىپ ۋە ئاندا-ساندا مەدىكارلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

  2014-يىلى، ھىمىت ئىمامنىياز ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە دەپ ئايرىلدى. ئۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە، نامراتلارنى يۆلەش قويى ئالدى، ئەمىن ئۆي سالدى، نامراتلارغا بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرزدىن 50 مىڭ يۈەن ئېلىپ، قوي، توخۇ سېتىۋالدى، بوش ۋاقىتلىرىدا كېرەكسىز تۆمۈر-تېسەكلەرنى يىغدى... ئاستا – ئاستا ھىمىت ئىمامنىيازنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.

  ھىمىت ئىمامنىياز ئائىلىسىنى مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 2017-يىلى كەنتتىكى باقمىچىلىق كوپىراتىپىدا باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىپ، قوتان سېلىپ، قوي باقتى، ئاندىن ھويلىسىدىن بىر پۇڭ يەر ئاجرىتىپ، ھويلا-ئاران توخۇ باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ «ئىشچان بولساقلا، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېدى.

  ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، ھىمىت ئىمىننىيازنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى. «ھەر كۈنى ناھايىتى سەھەر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئالدى بىلەن ھويلىدىكى 30 نەچچە توخۇنى باقىمەن، ئاندىن قوتانغا بېرىپ قويلارغا يەم بېرىمەن» دېدى ھىمىت ئىمامنىياز. ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ناشتا قىلاتتى، ئاندىن سىرتقا چىقىپ كېرەكسىز تۆمۈر يىغاتتى، كۈنىنى شۇنداق زىچ ئورۇنلاشتۇراتتى.

  «ئىلگىرى ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئۆيىگە كىرگەن چاشقانمۇ يامانلاپ چىقىپ كېتەتتى» دېدى خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ يۇڭئەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1ـ شۇجىسى تۇرغۇن روزى چاقچاق قىلىپ، «ھازىر، ھىمىت كېرەكسىز تۆمۈرلەرنى سېتىپ، ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ، يىل بېشىدىن 4-ئايغىچە، تۇخۇم سېتىپ 750 يۈەن كىرىم قىلدى، ھويلىسىدا يەنە قوي ۋە توخۇسى بار، بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 19 مىڭ يۈەنگە يەتتى.»

  بۇ يىلقى كىرىمىنى سورىغاندا، ھىمىت ئىمامنىياز كۈلۈپ تۇرۇپ:«دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاپ باقسام، بۇ يىل كىرىمىم بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولغۇدەك.» دېدى.

  «بۇ ئۆمرۈمدە ماڭا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم، ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ماڭا ياردەم بەرگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.»دېدى ھىمىت «ئەمدى، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن.» ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تۇرمۇشىنىڭ شېرىنلىكى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئارزۇسى چىقىپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ