5-ئاينىڭ 31-كۈنى، تاڭشەن شەھىرىنىڭ فېڭرۈن رايونى چۈەنخېتوۋ بازىرى دۇڭشياۋيى كەنتىدىكى دېھقان پارنىكتا گۈل-گىياھلارنى رەتلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى فېڭرۈن رايونى بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئۇسۇلى بويىچە دېھقانلارنى گۈل ـ گىياھ تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، مەركەزلىك تېرىش، ساقلاش-توشۇش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، شۇ جاينىڭ گۈل-گىياھ مەھسۇلاتلىرى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە سېتىلىپلا قالماي، يەنە بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا كىرىپ، شۇ جاينىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئالاھىدە كەسىپكە ئايلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى موۋ يۈ فوتوسى
5-ئاينىڭ 31-كۈنى، تاڭشەن شەھىرىنىڭ فېڭرۈن رايونى ۋاڭگۈەنيىڭ بازىرى تيەنگېجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان گۈل-گىياھلارنى رەتلىمەكتە.