تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

پاڭ باڭرۇڭ: باشقىلارغا «ياردەم بېرىش»نى «شەرەپ» دەپ بىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەنجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر چيۇ بىڭچىڭ) خەتەر يېتىپ كەلگەندە، قانداق تاللاش كېرەك؟ نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چىنخۇەي شۆبە ئىدارىسى ئالاھىدە چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق چوڭ ئەترەت باشلىقى پاڭ باڭرۇڭ ھاياتلىق ئۈمىدىنى باشقىلارغا قالدۇرۇشنى تاللىغان. كونتروللۇقىنى يوقىتىپ كېلىۋاتقان مىنىبۇس ئالدىدا، ئۇ يېنىدىكى سەپداشلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزى ئۇدۇلدىن سوقۇلۇپ، باش سۆڭىكى قاتتىق زەخىملىنىپ ئېغىر ھوشسىزلانغان، 12 كۈن جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان، ئۇ شۇ يىلى ئەمدىلا 34 ياشتا ئىدى.

ئۇ ھايات مۇساپىسىدە ئۆز ئىسمىغا ئوخشاش − باشقىلارغا «ياردەم بېرىش»نى «شەرەپ» دەپ بىلگەن.

2010 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، پاڭ باڭرۇڭ بىر ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن يول چارلاشقا باشلىغان، شۇ چاغدا ئۇ ئۇدا ئىككى كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن. ئالتە كۈن ئىلگىرى، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەچكە، ئۇ يېڭىلا ئالاھىدە چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا، نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزى مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرگەن: «يىڭتيەن كوچىسىدىكى كۆتۈرمە كۆۋرۈكتىن دامىڭ يولى يۆنىلىشىدىكى كۆۋرۈكتىن چۈشۈش ئېغىزى ئەتراپىدا بىر ۋەقە يۈزبەردى، يېقىن ئەتراپتىكى چارلاش ئاپتوموبىللىرى بېرىپ بىر تەرەپ قىلىڭلار.» پاڭ باڭرۇڭ دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، ساقچىلارنى باشلاپ ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا بارغان. بۇ بىر ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا ۋەقەسى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئولىشىۋالغان ئاممىنىڭ بىر قىسمى تېز سۈرئەتلىك يولنىڭ بويىغا قىستىلىشىپ قالغان، ئىنتايىن خەتەرلىك بولغاچقا، پاڭ باڭرۇڭ دەرھال ئولىشىۋالغان ئاممىنى نەسىھەت قىلىپ تارقىتىۋەتكەن.

سائەت 22دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە، دەل پاڭ باڭرۇڭ بۇ ئەر - خوتۇنغا نەسىھەت قىلىۋاتقاندا، كۆتۈرمە كۆۋرۈكتىن چۈشۈۋاتقان بىر مىنىبۇس جىددىي تورمۇز تۇتقاندىن كېيىن كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان پاڭ باڭرۇڭ قاتارلىق كىشىلەرگە قاراپ ئېتىلىپ كەلگەن. ئىنتايىن خەتەرلىك پەيتتە، پاڭ باڭرۇڭ بەدىنى بىلەن كىشىلەر توپىنى توسۇۋېلىپ، «نېرى قېچىڭلار» دەپ ۋارقىرىغان ھەم كۈچىنىڭ بارىچە يېنىدىكى ئايال ساقچىنى ئىتتىرىۋەتكەن. سەپداشلىرى ۋە باشقا كىشىلەر قۇتۇلۇپ قالغان، لېكىن پاڭ باڭرۇڭ ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان مىنىبۇسقا ئۇدۇلدىن سوقۇلۇپ، قان ئىچىدە يىقىلغان.

12 كۈن جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، پاڭ باڭرۇڭ نەپەستىن قېلىپ، ھاياتى 34 ياشتا توختاپ قالغان. شۇ يىلى، پاڭ باڭرۇڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئېلىنغان.

1976 - يىلى، پاڭ باڭرۇڭ نەنجىڭنىڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىلا، ئىلگىرى باغچىدىكى مۇزدەك كۆل سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ، يەنە بىر ساۋاقدىشى بىلەن بىللە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغان. 1995 - يىلى ساقچى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پاڭ باڭرۇڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئىلگىر - كېيىن بولۇپ مەھەللە، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان. ساقچى بولغان ئون نەچچە يىلدا، ئۇ جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى كەزگەن، 2700دىن ئارتۇق جىنايى ئىشلار دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلغان، 1100 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان، ئاپتوموبىل ئوغرىلاش دېلوسىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىلغان خىزمەت ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەچكە، پاڭ باڭرۇڭ ئىلگىر - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شەخسلەر بويىچە 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن.

پاڭ باڭرۇڭ قۇربان بولۇپ بىر ئايدىن كېيىن، نەنجىڭ ساقچى تەرەپ پاڭ باڭرۇڭ قۇربان بولغاندا ئىشلەۋاتقان ئالاھىدە چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى قوراللىق چارلاش ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىغا «باڭرۇڭ ناملىق» ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى دەپ نام بەرگەن. بۇ، ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياشقا يەتمەيدىغان ئون نەچچە ياش خەلق ساقچىسىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ھەر كۈنى فۇزىمياۋ بىلەن شىنجيېكوۋنى چارلاش مەركىزى قىلىپ، تەۋەلىك رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ