5-ئاينىڭ 28-كۈنى، 2020-يىللىق جۇمولاڭما چوققىسى ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بازىغا قايتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 20دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، 2020 جۇمولاڭما چوققىسى ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جۇمولاڭما چوققىسىدىكى تاغقا چىقىش بازىسىغا بىخەتەر چېكىندى، بۇ، بۇ قېتىمقى ئۆلچەشتىكى چوققىغا چىقىپ ئۆلچەش باسقۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 11دە، سەككىز نەپەر ماھىر جۇمولاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى ھەمدە ئۆلچەش ئېلىپ باردى. ھازىر، سەككىز ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ياخشى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى