زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى ئالتە قارار لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش نۇسخىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش نۇسخىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جۇڭخۇانىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قاراپ چىقىدۇ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىنى ئاچىدۇ.
5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالدا مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ.