تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باغۋەن كەنتىدىكى يېڭى كەيپىيات

     شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋىرى) «مەن باغۋەن كەنتىدە بىر ئۆمۈر ياشىدىم، بۇ بىر نەچچە يىلدا كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپتى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى قارا مور تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يانچۇقىنى تومپايتتى، روھىي قىياپىتىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ.» دېدى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدىكى 85 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جامال مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ باغۋەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، باغۋەن كەنتى رەتلەندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

  «قارا مورنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، پايدىسى ياخشى، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر قارا مورغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۆھپىسى» دېدى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى باغۋەن كەنتىدىكى ئاسىيەم نىزام.

  باغۋەن كەنتىدە كىشى بېشىغا 1.5 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ، كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى تېرىلىدۇ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، باغۋەن كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لى جۈن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، قارا مور تېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلدى، ئاخىرىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 35 نامرات ئائىلە قارا مور تېرىشقا تىزىملاتتى. قارا مورنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلارنى كەنتكە كېلىپ، ئۆيمۇئۆي ئۆگىتىشكە، ھەرۋاقىت، ھەريەردە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارا مور تېرىشتا ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  باغۋەن كەنتى 2019-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، قارا مور ئۆستۈرگەندىن بۇيان، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ يۈەن ئاشتى.

  «بۇلتۇر مەن زاۋۇتتا بەش ئاي ئىشلەپ، 22 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ كىرىم قىلىشقا تىرىشىمەن.» كۇچا جۇڭنېڭ تۇرۇبىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان باغۋەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەت ئىمىننىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى كۈچلۈك ئىدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بىر تەرەپتىن، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، تۈرلۈك ئەمەلىي ماھارەت ۋە ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم سۇۋاركىچى، پېچىنە-پىرەنىك ئۇستىسى، تامچى ئۇستاملارنى يېتىشتۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىن ئەتراپتىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، پولات تۇرۇبا زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، باغۋەن كەنتىدە جەمئىي 436 ئادەم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ياكى ئۆزى ئىگىلىك تىكلىگەن، ھازىر بار بولغان يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىتىپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىك ئۈچۈن بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش ياراتقان.

  بۈگۈنكى باغۋەن كەنتىدە، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىدىغان كىرىمى بار، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئۈمىدى بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ