5-ئاينىڭ 27-كۈنى، موگەنشەن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە دەرسىدە بامبۇك بادرا ئۇسسۇلى ئويناشنى مەشىق قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بامبۇك بادرا ئۇسسۇلى جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيەسى موگەنشەن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ بامبۇك مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرى، مەكتەپ ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە جەھەتتە چېنىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇئەييەن دەرىجىدە قىزىقارلىقلىقىنى ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ تەنتەربىيە چېنىقىشى بىلەن تەنتەربىيە دەرسى، دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا بىلەن دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، فىگۇرا چىقىرىپ ئارغامچا سەكرەش، بامبۇك بادرا ئۇسسۇلى، تەخسە ئۇچۇرۇش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زۇڭجى فوتوسى