تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30قا ئۆرلەيدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): بۇ ھەپتىدە (5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە)، ئۈرۈمچى كۆرۈنەرلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ھەپتىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېمپېراتۇرا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30قا ئۆرلەيدۇ. ھەپتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدۇ.

  بۇ ھەپتىدە، ئۇدا كۆرۈلگەن ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى بىر مەھەل توختاپ، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش ھالىتىدە بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ تەسىرىدە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىر قەدەر تېز بولىدىكەن، ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30 ئەتراپىدا بولىدىكەن. شەھەر شىمالىغا جايلاشقان مىچۇەن-دۇڭسەن رايونىدا، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35قا ئۆرلەيدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن. جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە ھاۋا تۇتۇق بولىدىكەن، ئەمما ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن، شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئۈرۈمچىدىكى تاغلىق رايون، سانجى ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 10 ~ 9 بالغا يېتىپ، تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. كەلگۈسى بىر ھەپتىنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى، مۇشۇ ھەپتىدە شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق بولۇپ، ھۆل-يېغىن ئازراق بولىدۇ، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلاردا قۇرغاقچىلىق داۋاملىشىدۇ؛ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 ~ 9 بالغا يېتىدىغان بولۇپ، قاتناش-تىرانسپورت، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىش خەۋپى ئېشىپ، تاشيول قاتنىشى، ساياھەت، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ