تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىدىغان، ئالماشتۇرىدىغانلار توردا ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى چۇەنجى خەۋىرى): ئۈرۈمچىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يىتىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تولۇقلاپ بېجىرىش، كارتا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياسايدىغان بانكا تور نۇقتىسىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ، 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، تولۇقلاپ بېجىرگەن كارتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى تور نۇقتىلىرىدا بىۋاسىتە ئۈندىدار كودىنى سىكاننېرلاش، توردا ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە بىلەن شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئاچقان «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، كارتا ئالماشتۇرۇش توردا ھەق تاپشۇرۇش سىستېمىسى» ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، كارتا ئالماشتۇرۇش كەسپىدە توردا ھەق تاپشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاقتىدا ياسايدىغان بانكا تور نۇقتىسىدىن جەمئىي 231ى بار.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بانكىنىڭ ۋاقتىدا كارتا ياساشنى ئۈستىگە ئالغان تور نۇقتىسىغا بېرىپ كارتا تولۇقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تور نۇقتىسىدا «يۈپېڭ ئاممىۋى تور مۇلازىمىتى»نىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلاپ، ئاممىۋى نومۇرنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن ھەق تاپشۇرۇشنى باشلىسا بولىدۇ. ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى «ئۈندىداردا چىقىم قىلىش»نى چېكىپ، «ھېسابات تالونىنى تەكشۈرۈش»نى ئېچىپ تور نۇقتىسىدىكى بېجىرگۈچى خادىملارغا كۆرسىتىپ، ئاندىن كارتا تولۇقلاش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، كارتا ئالماشتۇرۇش توردا ھەق تاپشۇرۇش سىستېمىسى»نىڭ ئېچىۋېتىلىشى ۋە تورغا چىقىرىلىشى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئامما ئىنكاس قىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، كارتا ئالماشتۇرۇش قولايسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ياساش مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىش بېجىرىشتە كونا ئەندىزىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭى يول ئېچىپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  كارتا ئالماشتۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇش قولايلىق بولغاندىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كەسپى «بىر زالدا» بېجىرىلىدىغان بولدى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر بانكىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، ئاكتىپلاشتۇرۇش، مەخپىي نومۇرنى قايتا بېكىتىش، يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ۋە بىكار قىلىش، ھەق تاپشۇرۇش، تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ