شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، مايسا يېتىشتۈرۈش، يەر ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، ئوت ئوتاش قاتارلىق بىر قاتار باسقۇچلاردىن كېيىن، لياۋنىڭنىڭ شال ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىق رايونى پەنجىن شەھىرىنىڭ شال مايسىسى تىكىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك ئىشلەندى. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى پەنجىن شەھىرىنىڭ شال تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 590 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق تۈرلىرىدىن يەنجىڭ، تيەنلۇڭيوۋ، جىنداۋ، يۆگۇاڭ قاتارلىقلار بار، ئەلا سورتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %98تىن ئاشىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن يۈلۇڭ فوتوسى
5-ئاينىڭ 24-كۈنى، پەنجىن شەھىرى داۋا رايونىدىكى دېھقانلار مايسا يىتىشتۈرۈش پارنىكىدا مايسا كۆچۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن شال مايسىسىنى توشۇماقتا.
5-ئاينىڭ 24-كۈنى، پەنجىن شەھىرى داۋا رايونىدىكى دېھقانلار مايسا تىكىش ماشىنىسىدا مايسا تىكمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).