5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئەتىۋارلىق پەسىل قۇشى قارا تۇرنا شىنجاڭ تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى بۆلىكىدە پەيدا بولدى. نۆۋەتتە، قارا تۇرنا تۈر توپىنىڭ سانى يەر شارى مىقياسىدا ئازايماقتا، ئېلىمىزدە ھازىر 100 دانە ئەتراپىدا بار.
قارا تۇرنا دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان، بەدەن شەكلى چىرايلىق، رەڭگى ئوچۇق، ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى سەزگۈر بىر خىل چوڭ تىپتىكى قۇش بولۇپ، قىپقىزىل تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم تۈز، بۇرۇن تۆشۈكى كىچىكرەك، پۇتى نىسبەتەن ئۇزۇن. كۆكرەك، قورساق قىسمى ئاق رەڭدە بولۇپ، قالغان يەرلىرىنىڭ ھەممىسى قارا رەڭ. قۇياش نۇرى ئاستىدا قارا پەيلىرى يېشىل، كۆك، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ، بولۇپمۇ باش، بويۇن قىسمىدا تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. ئۇ بىر خىل ئۇزۇن ئارىلىققا كۆچىدىغان پەسىل قۇشى بولۇپ، دەريا قىرغىقى، سازلىق تاغلىق رايوندىكى ئېقىن ئەتراپىدا ماكانلىشىدۇ.
20 نەچچە يىللىق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، نۆۋەتتە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش كۆلىمى 2285 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، قۇملۇق يەر كۆلىمى 854 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايدى. زىيانغا ئۇچرىغان ئېكولوگىيە، ئىككى قىرغاقتىكى سۇلۇق يەر ئەسلىگە كېلىپ، «يېشىل كارىدور» قوغدالدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن قارا تۇرنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشتى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى