شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنور ناھىيەسى چېگرىسىدىكى تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرى، قۇملۇق، توغراقلىق، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان جانلىق مەنزىرە نامايان بولدى. سۇلۇق يەردىكى سۇ قۇشلىرى كۆپىيىش، يېتىلىش مەزگىلىگە كىردى. قۇملۇقتىكى توغراقلار كۆكىرىپ كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى ياپيېشىل ئېتىزلار خۇددى گۈزەل رەسىمدەك ئىدى.
لوپنۇر ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇرغاق، سۇ كەمچىل، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تارىم دەرياسىنى تۈزەش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ سۇلۇق يەرنى قوغداپ، توغراقلىق رايونىدا چارۋا بېقىش، يەر ئېچىشنى چەكلەپ، ئېتىز-ئېرىقلاردا سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا بەلگىلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى