تىيانشان تورى خەۋىرى: شىخو لاتقىلىق يانار تاغ توپى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرى بەيياڭگۇ بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، شىخو شەھىرىگە 42 كىلومېتىر كېلىدۇ. لاتقىلىق يانار تاغ توپىدىكى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىللىك ئېتىلىپ چىقىش ئېغىزى نەچچە يۈزگە يېتىدۇ، دىيامېتىرى ئەڭ چوڭىنىڭ 1.6 مېتىر، ئەڭ كىچىكىنىڭ دادۇردەك بولۇپ، ھازىر نۇرغۇن ئېتىلىپ چىقىش ئېغىزلىرىدا پاتقاق داۋاملىق ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ. پاتقاقلار مىليونلىغان يىللار مابەينىدە دۆۋىلىنىپ، توپلىنىپ، گىرەلەشكەن كونۇسسىمان لاي-لاتقا توپىنى شەكىللەندۈرگەن. قىزىل رەڭلىك تاغ-ئېدىرلار دۆۋىلىنىپ قەد كۆتۈرۈپ، ئەگرى-بۈگرى دەريا ئېقىنلىرى جىلغىنىڭ ئاستىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، رەڭلىك لېنتا كەبى تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە سوزۇلۇپ بارىدۇ. تەبىئەت خۇددى ئۇستا ھەيكەلتىراشتەك خۇڭخېگۇ جىلغىسىنىڭ ئۆزگىچە ھەم ئاجايىپ يەر شەكلىنى ئويۇپ چىققان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى