تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ھاياتى ئارقىلىق بىر جاينىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى

غەيرەت مامۇت:

ھاياتى ئارقىلىق بىر جاينىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى

غەيرەت مامۇتنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇبىڭ، خاڭ رۇي) «قەھرىمان غەيرەت، سىزنىڭ قالتىسلىقىڭىز بىزدىمۇ بار بولدى!» بۇ يىل چىڭمىڭ كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە بىر مەيدان ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى − توردا گۈل تەقدىم قىلىش، شېئىر، بېغىشلىما يوللاش ئارقىلىق «خەلق قەھرىمانى» غەيرەت مامۇتقا بولغان ئالىي ئېھتىرامىنى ۋە سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

غەيرەت مامۇت 1969 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىن. ئۇ 1989 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ خەلق ساقچى مەكتىپى(ھازىرقى شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنى)نى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 1994 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ناھىيە بازىرى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، ساقچىخانا باشلىقى، كۆكتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى، گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

غەيرەت مامۇت قەلبىگە باشتىن - ئاخىر بىر قەسەمنى پۈككەن − خەلق ساقچىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، بارلىقىنى بېغىشلاش، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىق. جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ سىياسىي مەيدانى جەھەتتە قەتئىي، خاراكتېر جەھەتتە باتۇر، قەيسەر، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كەسكىن كۈرەشكە پائال ئاتلانغان.

«ئۇ ھەرقانداق خىزمەتنى باشلامچىلىق بىلەن قىلاتتى، ھەمىشە ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ھەممە يەردە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېلولارنى ئادىل، ھەققانىي بىر تەرەپ قىلاتتى، ئەۋلادلارغا ھەم كۆيۈنەتتى، ھەم سەۋرچانلىق بىلەن تەلىم بېرەتتى.» غەيرەت مامۇت يېتىشتۈرۈپ چىققان شاگىرت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆكتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ ھازىرقى ساقچىخانا باشلىقى مۇتەللىپ مەمەت ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ ۋە ئۇنى ياد ئېتىدۇ.

2013 - يىلى، بىر قېتىملىق تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، غەيرەت مامۇت خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆيگە كىردى. ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ ھېچنېمە تاپالمىغاندىن كېيىن، بۇلۇڭدىكى بىر ئىشكاپ ئۇنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغاپ، دەرھال كۆپچىلىكنى «مىدىرلىماڭلار!»دەپ ئەسكەرتتى. لېكىن ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى بىر خەلق ساقچىسى ئېچىپ بولغانىدى. زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ ئىشكاپتىن سەكرەپ چىقىپ، پىچاقنى بۇ خەلق ساقچىسىغا شىلتىشى بىلەن، غەيرەت مامۇت كەسكىنلىك بىلەن ئوق چىقىرىپ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

2014 - يىلى شىنجاڭدا «قاتتىق زەربە بېرىش» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، غەيرەت مامۇت خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ، ئامانلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان شايكىلار تۇغدۇرغان 77 دېلودىكى 811 ئادەمنى پاش قىلىپ قولغا چۈشۈرۈپ، 320 پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىدى.

«دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي سۆيۈش كېرەك.» بۇ، غەيرەت مامۇتنىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى ئىدى.

2015 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 9دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرەپ، كۆكتېرەك يېزىسىدىكى 4000 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاممىنىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولدى. غەيرەت مامۇتنىڭ ئۆيى مۇشۇ كۆكتېرەك يېزىسىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆيىگە بېرىپ بىر كۆرۈپ كېلىشكىمۇ يېتىشەلمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. يەر تەۋرىگەن كۈنى، ئۇ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ خارابىلىكتىن 20 نەچچە ئاممىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى، 5000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى، ئاممىنىڭ قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان مال - مۈلكىنى قۇتقۇزدى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىرمەھەل ئاياغلاشقاندىن كېيىن، غەيرەت مامۇت ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، خوتۇنىنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا خوتۇنىغا مۇنداق دېدى: «مەن ياخشى قىلمىدىم، سىزنى جاپاغا قويدۇم».

ساقچى بولغاندىن بۇيان، غەيرەت مامۇت 13 قېتىم مۇنەۋۋەر مەمۇر، ئىلغار شەخس، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بەش قېتىم شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، 2010 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تەرىپىدىن «پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە خەلق رازى بولغان ساقچىخانا باشلىقى» بولۇپ باھالانغان.

2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، غەيرەت مامۇت ئەترەت باشلاپ گۇما ناھىيەسىنىڭ بىر كەنتىدىكى قاقاسلىققا يوشۇرۇنۇۋالغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان قېچىپ يۈرگۈچى، پارتلاتقۇچ ياساش شايكىسىنىڭ كاتتىبېشى ئا Xنى تۇتماقچى بولغان. ئۇ خەلق ساقچىلىرى بىلەن مۇھاسىرىنى تارايتىپ، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرنى بىر چاتقاللىقتا قورشىۋېلىپ تۇتماقچى بولۇۋاتقاندا، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر تۇيۇقسىز ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدە ھۇجۇم قوزغىغان. «يوشۇرۇنۇڭلار!» غەيرەت مامۇت يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش بىلەن تەڭ قورالىنى چىقىرىپ قارىغا ئالغان. پارتلاش ئاۋازى بىلەن تەڭلا، غەيرەت مامۇت يەرگە يىقىلىپ، يۈز - كۆزى قانغا بويالغان، گەرچە گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، ئاخىردا يارىسى زىيادە ئېغىر بولغاچقا، بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئاران 47 ياشتا ئىدى.

غەيرەت مامۇتنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان كۆكتېرەك يېزىسى ۋە گۇما ناھىيە بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزلۈكىدىن كېلىپ ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويدى. 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى غەيرەت مامۇتقا «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى. 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، غەيرەت مامۇتقا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، «خەلق قەھرىمانى» دېگەن دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، غەيرەت مامۇتنىڭ چوڭ قىزى گۈلمىرە غەيرەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، گۇما ناھىيەسىدىكى بىر مۇنەۋۋەر خەلق ساقچىسىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ