ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن پەسلىدە قەشقەر ھەرقايسى جايدىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن تەكلىپ قىلىدۇ
_____ شىنجاڭ قەشقەر يىغىن مەيدانىدا «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (گاۋ خەن، ۋاڭ ۋېنبو): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، 2020-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ قەشقەر يىغىن مەيدانى پائالىيىتى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. پائالىيەتتە «شىنجاڭ ياخشى جاي، قەشقەرگە بارمىسىڭىز شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسىز» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، قەشقەردە ئاساسىي يىغىن مەيدانى، قاغىلىق، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تارماق يىغىن مەيدانى تەسسىس قىلىندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. پائالىيەت مەزگىلىدە، بىزەك ئاپتوموبىل سەيلىسى، ئىپارخان كىچىك باغچىسى، قەدىمىي شەھەرنى كېچىدە سەيلە قىلىش، جۇڭگو شىنجاڭ-شىزاڭ لىنىيەسى ئاپتوموبىل-موتوسىكلىت يۇقىرى پەللە سەپىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت بايرىمى، مۇزتاغ دالا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، ئېگىزلىك جىلۋىسى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، پامىر پەنلۇڭ قەدىمىي يولى ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت مەيدانى مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالاھىدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
2020-يىللىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» شىنجاڭ قەشقەر يىغىن مەيدانى پائالىيىتى جايلاردىكى ساياھەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ گۈزەل ماكانغا سەمىمىي تەكلىپ قىلىپ، ساياھەت بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولدى. «شىنجاڭ ياخشى جاي. قەشقەرگە بارمىسىڭىز شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايسىز» ماركىسى كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭىچە كەيپىياتى، يېڭىچە ئىستىلى نامايان قىلىندى.