تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يى يۈتىڭ، شۈ جىجۈەن خەۋىرى): روزا ھېيتتا (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆۋەن كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ، كونكرېت ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى: 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00كىچە.
ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، يېپىق شەكىللىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىغا كەلگەندە تور ھەق ئېلىش سىستېمىسىدا ھېسابلانغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ، ئوچۇق شەكىللىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ۋە ئادەتتىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىل ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە تور ھەق ئېلىش سىستېمىسىدا ھېسابلانغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ. ھېيت-بايرام مەزگىلىدە ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆتۈش يولى نورمال ئېچىۋېتىلىپ، «بىر ئاپتوموبىلغا بىر خادا» ئارقىلىق ئۆتۈش يولغا قويۇلىدۇ.
ھېيت-بايرام مەزگىلىدە شىنجاڭدا يولۇچىلار ئېقىمنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تىجارىتىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى، مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ، ھەق ئېلىش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە، ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىسى، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يول بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئۇچۇر تاختىسى، قاتناش رادىيوسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھېيت-بايرام مەزگىلىدىكى تاشيول قاتناش ئۇچۇرىنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، كەڭ شوپۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللاپ، بىخەتەر يول يۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.