5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى شاڭخەيدە شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى، تەن لۇڭنىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى، ۋېي شىخاۋ، دۇڭ شۆشېڭلارنىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 1گە قارشى 4 نەتىجىلىك چوڭ نومۇر پەرقىدە رىقابەتچىسىنى يەڭدى، بۇ ھەم باش تىرېنېر لى تيې ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىنكى كوماندا قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى مەيدان غەلىبە.
ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ يەنە بىر كۈچلۈك كوماندىسى شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسى بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە چۈشىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى