تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«قۇملۇق لازىسى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى

    شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكىدا، تېخنىك ئەبەي ئايۇپ(ئوڭدا) دېھقان مۇنەۋۋەر ئابلاغا مايسا يېتىشتۈرۈش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە(5- ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: خوتەن ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا تەۋە. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خوتەن ناھىيەسى 30 مىڭ مو يەرگە پىگمېنتلىق لازا تېرىدى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4600 ئائىلىلىك دېھقان نەپكە ئېرىشتى، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 7500 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. ھازىر شۇ جايدىكى ئامما تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەپ پۇل تاپالايدۇ، قىشتا مايسا يېتىشتۈرۈش بىلەن، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە تېرىقچىلىق بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ، كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن لازا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، نەتىجىدە «مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش» كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئۈمىدكە تولدى.

    شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى لازا يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكىدا، تېخنىك ئەبەي ئايۇپ(كەينىدە) دېھقان مۇنەۋۋەر ئابلاغا مايسا يېتىشتۈرۈش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە(5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

    خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى لاز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا(5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي فوتوسى

    خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى لاز يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكىدا، دېھقان ئابدۇقادىر مايسا يۆتكىمەكتە(5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى.

    خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسى باكىدۆڭ كەنتىدىكى لازا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، دېھقانلار پارنىكتا لازا كۆچىتى تىكمەكتە(5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ