5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بىر دېھقان چىڭلۇڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسى لوجاڭزى بازىرى شىزىپىڭ كەنتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ بازىسىدا شياڭگۇ ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى چىڭلۇڭ مانجۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش جەريانىدا، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەشنى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، «شىركەت + كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى بويىچە، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر ناھىيە بويىچە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىش ئومۇمىي سانى 51 مىليون تاياقچىگە يېتىپ، ناھىيە بويىچە 5000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كەسپىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۇ شۈدۇڭ فوتوسى