5-ئاينىڭ 19-كۈنى، خۇكوۋ ناھىيەسى شىجۇڭشەن سۇ رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان كېمىلەر(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرى خۇكوۋ ناھىيەسى پوياڭخۇ كۆلى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، سۇ يولى قولايلىق. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇ يولى تىرانسىپورتىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. جيۇجياڭ شەھەرلىك پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى خۇكوۋ شۆبە ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3-ئايدىن بۇيان، خۇكوۋ پورتىدا يۈك ئوبوروت مىقدارى ئېشىپ، 4-ئايدا يۈك ئوبورۇت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 كە يېقىنلاشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ خاۋبو فوتوسى