ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى.
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ لىلى خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، غۇلجا كونا شەھىرى قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ساياھەت رايونى دەرۋازىسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىغا تاش ماتېرىياللارنى ياتقۇزۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. غۇلجا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى شەھەر قۇرۇلۇشى تۈرى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم خادىمى مەۋلان تۇرسۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: غۇلجا كونا شەھىرى قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى 303 مېتىرلىق غول يولنى ئاسفالتلاشتۇرۇش ۋە 400 مېتىرلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى مەيدانى ۋە غول يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ھازىر ساياھەت رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ %80ى تاماملاندى.