«يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دەيدىغان گەپ بار. بىلىپ-بىلمەيلا 2020-يىلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆتۈپ كەتتى، يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش پىلانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. بارغانسېرى ئېنىقسىز بولۇۋاتقان مۇھىتتا، قانداق قىلغاندا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىغىلى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ؟ يادىمغا مۇنداق بىر سۆز كېلىپ قالدى: «تەلەپچان بولۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى، سەھەر تۇرۇش تەلەپچان بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى».
بەزى ئالىملار مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلار ئىچىدىكى %99 ئادەمنىڭ سەھەر تۇرۇش ئادىتى بارلىقىنى بايقىغان. سەھەر تۇرۇش قارىماققا ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادىتى بولسىمۇ، لېكىن بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. خۇددى فرانكلىن ئېيتقاندەك: «مەن سەھەر تۇرغان، تىرىشچان، ئېھتىياتچان، سەمىمىي ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ياخشى بولماي قالغانلىقىدىن ئاغرىنىپ باققانلىقىنى ئەزەلدىن ئۇچراتمىدىم».
بىر ئادەمنىڭ ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى كۆپ ھاللاردا شۇ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سەھەر ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ناشتا قىلىش، ئەتىگەنلىك چېنىقىش، چوڭقۇر خىيال قىلىش، كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولىدۇ، بۇ كىچىككىنە ئادەتلەر كۈندىن-كۈنگە توپلىنىپ، كىشىگە ساغلام تەن، ئاكتىپ روھىي ھالەت ئېلىپ كېلىدۇ، بىزنى تېخىمۇ ياخشى، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ.
نەن خۇەيجىن مۇنداق دېگەن: «سەھەرنى كونترول قىلالىغان كىشى، كىشىلىك ھاياتىنى كونترول قىلالايدۇ.» سىز سەھەرنى قانداق ئۆتكۈزسىڭىز، كىشلىك ھاياتىڭىزنى شۇنداق ئۆتكۈزىسىز. ئەگەر سىز ھەركۈنى سەھەردە بىر سائەت بالدۇر تۇرسىڭىز، باشقىلاردىن بىر ئايدا 30 سائەت، بىر يىلدا 360 سائەت كۆپ ۋاقتىڭىز بولىدۇ. ۋاقىت بىر مۇنبەت ئېتىزغا ئوخشايدۇ، قوغۇن تېرىسىڭىز قوغۇن ئالىسىز، پۇرچاق تېرىسىڭىز پۇرچاق ئالىسىز. بىز بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇشتىن باشلاپ، تۇرمۇشىمىزغا يېڭى ئۆزگىرىش بېغىشلايلى. سەھەر تۇرۇش ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە بېرەلەيدىغان ھاياتلىق سوۋغىسى، سىزمۇ ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ھەقلىقسىز!
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى