تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا: ئۈجمە بايرىمىدىكى خۇشاللىق

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ شۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئۇششاقتېرەك كەنتى نەشپۈت بازىرى 2-نۆۋەتلىك ئۈجمە بايرىمى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر بۇ يېزىدا تەسىس قىلىنغان ئۈجمە ئۈزۈش نۇقتىسىدا ھەقسىز ئۈجمە ئۈزۈپ يېدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت كورلا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يېزا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ