تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فۇ بو، جاڭ كەييەن خەۋىرى): بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى خاس تېرىقچىلىقنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.
بۇ ناھىيەنىڭ قاغاباغ كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
قاغاباغ كەنتى شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت بولۇپ، ئىلگىرى ئاساسلىقى ياڭاق ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىرلا خىل ئىدى، خىزمەت ئەترىتى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تەجرىبىسى مول يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرىنى ئۆيگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، نۇقتىدىن نۇقتىغىچە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپچانلىقىنى ئۆستۈردى.
كەنت ئاھالىسى پاتىمە مەمتىمىننىڭ ئائىلە كىرىمى ئىلگىرى ئاساسلىقى ئائىلىسىنىڭ بىر نەچچە مو ياڭاقلىقى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن كىرەتتى، ئىزچىل مۇقىم ئەمەس ئىدى. ئۇ قوشنىلارنىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنتتىكى بەش پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆكتاتلار كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئۆستى.
«كەنت كادىرلىرى بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىلمەيدىغان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، كەنتتىكىلەر تېخنىك خادىملارنى بىزگە ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىشكە ئەۋەتىدۇ. بۇ يىل، ئائىلەمدىكى ھەر بىر پارنىكتىن 2000 يۈەندىن كىرىم قىلىشىم مۇمكىن.» دېدى پاتىمە خۇشال ھالدا.
«ھازىر، پۈتۈن كەنتتە 104 چوڭ ئەگمە پارنىك، 79 كىچىك ئەگمە پارنىك بار. بۇ يىل، بىز ئالاھىدە تېرىقچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى نۇقتىلىق ئۇزارتىپ، تېرىقچىلىق، سېتىۋېلىش، سېتىش بىر يۈرۈش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى مەمەتجان ئابدۇرازاق.